مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئون تارماق 2025-يىلى مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى سۇ قىس شەھەرلەرنىڭ ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %25تىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2021.01.14 20:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 11-كۈنى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، دۆلىتىمىز يۇندى سۇنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى سىستېمىلىق قانات يايدۇرۇپ، 2025-يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇندى سۇنى يىغىش ئۈنۈم ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، ناھىيە شەھەر ۋە شەھەرلەرنىڭ يۇندى سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات تەلىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرىدىكەن، سۇ مۇھىتى سەزگۈر رايونلارنىڭ يۇندى سۇنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئۆلچىمىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن؛ مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى سۇ قىس شەھەرلەرنىڭ ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %25تىن يۇقىرى بولىدىكەن، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي رايونلىرىنىڭ %35تىن يۇقىرى بولىدىكەن.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق ئون تارماق بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «يۇندى سۇنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»گە ئاساسەن، 2025-يىلىغا بارغاندا، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى تەكرار ئىشلىتىش، چارۋا-ئۆي قۇشلىرى چىقىرىندىلىرى ۋە بېلىق باقمىچىلىقىدىن كەلگەن سۇنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسىدىكەن؛ يۇندى سۇنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش سىياسىتى سىستېمىسى ۋە بازار مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىدىكەن. 2035-يىلىغا بارغاندا سىستېمىلىق، بىخەتەر، مۇھىت ئاسرايدىغان، تېجەشلىك يۇندى سۇنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش ئەندىزىسى شەكىللىنىدىكەن.

  يۇندى سۇنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش __ يۇندى سۇنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىپ، بەلگىلەنگەن سۇ سۈپىتى ئۆلچىمىگە يەتكەندىن كېيىن ھاسىلىي سۇ سۈپىتىدە ئادەتتىكى سۇ بايلىقىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش، شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇنىۋېرسال ئىشلىتىش، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش، ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش، يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىش، يەر ئاستى سۈيىنى قايتا تولۇقلاش قاتارلىقلارغا ۋە يۇندى سۇدىن باشقا بايلىق ۋە ئېنېرگىيەلەرنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، بۇ، سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، سۇ بايلىقى تەمىناتىنى ئاشۇرۇش، تەمىنات-تەلەپ زىددىيىتىنى پەسەيتىش ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشىنى ئازايتىش، سۇ ئېكولوگىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 2019-يىلى، دۆلىتىمىز شەھەر-بازارلىرىنىڭ يۇندى سۇ چىقىرىش مىقدارى تەخمىنەن 75 مىليارد كۇب مېتىر بولدى، لېكىن ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىش مىقدارى 10 مىليارد كۇب مېتىرغىمۇ يەتمىدى، پايدىلىنىش يوشۇرۇن كۈچى زور.

  پىكىردە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ يۇندى سۇ بايلىقىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شەھەر-بازارلاردىكى تۇرمۇش يۇندى سۈيىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، شارائىتقا قاراپ پەرقلىق ھالدا رايونلارغا ئايرىلغان ئۆلچەمنى ئاشۇرۇپ ئۆزگەرتىش ۋە دەل جايىدا بۇلغىمىنى تۈزەشنى يولغا قويۇپ، رايونلارنىڭ يۇندى سۇنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ دەۋرىي پايدىلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھاسىلىي سۇنى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش، شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇنىۋېرسال ئىشلىتىش ۋە ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاشقا ئىشلىتىشنى كېڭەيتىش كېرەك. سانائەت كېرەكسىز سۈيىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، كارخانىنىڭ ئىچكى قىسىم سانائىتىگە ئىشلىتىدىغان سۈيىدىن دەۋرىي پايدىلىنىش ۋە باغچە رايون ئىچىدىكى كارخانىلار ئارا سۇ ئىشلىتىش سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇپ ئەلالاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سانائەت كارخانىسى، باغچە رايونلارنىڭ يۇندى سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلاردىكى يۇندى سۇنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، تەننەرخى تۆۋەن يېزا تۇرمۇش يۇندى سۈيىنى تۈزەش تېخنىكىسى ۋە ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تېرىش-بېقىش بىرلەشكەن، ئىشلىتىش ئارقىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇسۇللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، چارۋا-ئۆي قۇشلىرى چىقىرىندىلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بېلىق باقمىچىلىقىدىن كەلگەن سۇدىن دەۋرىي پايدىلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  پىكىردە يۇندى سۇنى يىغىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، رايونلارنىڭ ھاسىلىي سۇدىن دەۋرىي پايدىلىنىش، سانائەت كېرەكسىز سۈيىدىن دەۋرىي پايدىلىنىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا يۇندى سۈيىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇندى سۇنى نۆللۈك قويۇپ بېرىش پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، يۇندى سۇنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈلگىسى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇش ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، نىزام-ئۆلچەملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇش، سىياسەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش، باھا مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مالىيە-پۇل سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پەن-تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىش قاتارلىق بەش جەھەتتىن يۇندى سۇنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ