خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەركەز كارخانىلىرى ۋە مەركەزنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن ئاجرىتىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، 93 مەركەز كارخانىسى ۋە مەركەز پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىن ئاجرىتىلغان دۆلەت كاپىتالى 1 تىرىليون 680 مىليارد يۈەن بولغان.
گوۋۇيۈەننىڭ بىر قىسىم دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كاپىتالنى ئاجرىتىپ ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى تولۇقلاشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى زىچ ھەمكارلىشىپ، ئاجرىتىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. مەركەز قاتلىمىدىن ئاجرىتىش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىشى تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكى، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بەھرىلىنىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ