مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تېلېگرامما ئەۋەتىپ، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەملىكەتلىك 11-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2021.01.14 20:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 13-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تېلېگرامما ئەۋەتىپ، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەملىكەتلىك 11-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېيىلدى :

  لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ 10-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى بېن ياڭ باشچىلىقىدىكى لائوس پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈردى ھەم بىر قاتار مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، لائوس پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ-تىزگىنلەپ ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي مۇقىملىق، ئىقتىساد تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ساقلىدى. بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق.

  لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 11-قۇرۇلتىيى لائوسنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى يېڭى تارىخىي باسقۇچقا كىرگەندە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن بولۇپ، لائوسنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي چوقۇم لائوسنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېڭى مۇھىم يېتەكچى ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئىگە قىلالايدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى جۇڭگو-لائوس ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، لائوس بىلەن بىرلىكتە «ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇش، ئىناق-دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىش» فاڭجېنى ۋە «ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ بولۇش» روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-لائوس ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ