چوڭ تىپتىكى دىراما «چوڭقۇر دېڭىز» ۋۇخەندە ئوينالدى

2021.01.14 19:54 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئارتىسلار ۋۇخەن چىنتەي تىياتىرخانىسىدا «چوڭقۇر دېڭىز» ناملىق دىرامىنى ئوينىماقتا.

  شۇ كۈنى، «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى، «جۇڭگو يادرو سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ ئاتىسى» خۇاڭ شۈخۇانىڭ ھېكايىسى ئەسلىي تىپ قىلىنغان چوڭ تىپتىكى دىراما «چوڭقۇر دېڭىز» ۋۇخەن چىنتەي چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئوينالدى. «چوڭقۇر دېڭىز» ناملىق دىرامىدا خۇاڭ شۈخۇانىڭ ئىسمىنى 30 يىلغىچە يوشۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ يادرو سۇ ئاستى كېمىسى تەتقىقات ئۆمىكىنى باشلاپ، يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالىنى بەرپا قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ يادرو سۇ ئاستى كېمىسى تەتقىقات ئىشلىرىغا ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشقانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايىسى بايان قىلىنغان.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيۇڭ چى فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ