مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

11 تارماق پىكىر تارقاتتى

2021-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك

2021.01.13 20:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-يانۋار ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 11 تارماق پىكىر ئېلان قىلىپ، 2021-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك سەپەرگە چىقىشىغا تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

  2021-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش 1-ئاينىڭ 28-كۈنى باشلىنىپ، 3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، جەمئىي 40 كۈن. «2021-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋە چاغانلىق يولۇچى توشۇشتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىردە» مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، دائىملاشتۇرۇش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن قىسمەن جىددىي بىر تەرەپ قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنى تولۇق مۆلچەرلەش كېرەك.

  كېڭىشىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇنۇلار ھۆكۈم قىلىندى: 2021-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ يۆتكىلىش كۆلىمى ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولۇپ، يولۇچى توشۇش مىقدارىدا بىر قەدەر كۈچلۈك ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت بولىدۇ. ئېھتىياجنىڭ ئازىيىشى ۋە تىرانسپورت كۈچىنىڭ ئېشىشىدىن ئىبارەت قوش تەسىردە، مۆلچەردىكى تىجارەتلىك يولۇچى توشۇش بېسىمى يېنىكلەيدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ سەپەرگە چىقىش نىسبىتى يەنىمۇ ئۆسىدۇ، كىچىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ سەپەرگە چىقىش مايىللىقى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ، ناچار ھاۋارايى، يېزا يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى قاتارلىقلارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كۈچلۈك ماسلاشتۇرۇلغان چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. جايلار ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرى باشلامچى بولغان چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمەت مېخانىزىمىنى ئورنىتىشى ھەمدە سەھىيە، ساغلاملىق، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت تارماقلىرىنى بۇنىڭغا كىرگۈزۈشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك يولۇچى توشۇش مەيدان-بېكەتلىرى ۋە قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرىنىڭ چاغانلىق توشۇش مەزگىلىدە ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىقلارغا بولغان تەدبىرنىڭ قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، ئايروپىلان، پويىز، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس، نۇقتىلىق سۇ رايونى سۇ يولى يولۇچى تىرانسپورتى قاتارلىق قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرىنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن بېلەت سېتىۋېلىش، نومۇر بويىچە ئورۇن ئېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يولۇچىلار ۋە بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. بارلىق يولۇچى توشۇش بىرىنچى سېپىدىكى مۇلازىمەتچى خادىملار ماسكا تاقاشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاشنى تەلەپ قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  پىكىردە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: تىرانسپورت كۈچى كاپالىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تىرانسپورتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. يۇقىرى پەللىدىن ھالقىپ سەپەرگە چىقىشقا پائال يېتەكلەپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆز جايىدا بايرام ئۆتكۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ خىزمەت ئېھتىياجى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئارزۇسىغا بىرلەشتۈرۈپ، دەم ئېلىشنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئىشنى توختىتىپ ئىش باشلاش ۋاقتىنى پائال كېڭىشىپ، ئىشلەمچىلەرنى يۇقىرى پەللىدىن ھالقىپ يۇرتىغا، ئىش ئورنىغا قايتىشقا تەشكىللىشى كېرەك. ئالاقە تورى كارخانىلىرىنىڭ چاغانلىق توشۇش ئۇچۇر مۇلازىمىتى مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىشىغا ئىلھام بېرىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ قىزىق نۇقتا، قاتناش تۈگۈنىدىكى يولۇچىلار ئېقىمى، يول قىستاڭچىلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا مۆلچەرلەپ ئېلان قىلىپ، يولۇچىلارنى سەپەرگە چىقىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

  پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ناچار ھاۋارايىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، يولنى راۋانلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە ماسلىشىپ، قولايلىق سەپەرگە چىقىش مۇھىتى يارىتىپ، ياشانغانلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان شارائىتتا سەپەرگە چىقىش مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان ئىشلەمچىلەرگە مەركەزلىك ھالدا مەخسۇس ئاپتوموبىل، مەخسۇس پويىزنى ماسلاشتۇرۇپ ھەيدەپ، ئېھتىياجغا ئاساسەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنى يۇرتىغا قايتىش ۋە شەھەرگە قايتىش «نۇقتىدىن نۇقتىغا» ئاپتوموبىلنى كۆتۈرىگە ئېلىش تىرانسپورتىغا تەشكىللەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ