مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بەش ئۆلكىدە ئامبۇلاتورىيەنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك، ئالاھىدە كېسەللىك خىراجىتىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ھالقىپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش نۇقتىدا سىناق قىلىندى

2021.01.13 20:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى چۇڭچىڭ، سىچۇەن، گۇيجوۋ، يۈننەن، شىزاڭ قاتارلىق بەش ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)نىڭ ئامبۇلاتورىيەنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك، ئالاھىدە كېسەللىك خىراجىتىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ھالقىپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش خىزمىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىغان. 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، غەربىي جەنۇبتىكى بەش ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت قاتارلىق ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغان ئىككى سوزۇلما خاراكتېرلىك، ئالاھىدە كېسەل تۈرىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئامبۇلاتورىيەنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك، ئالاھىدە كېسەل خىراجىتىنى ئۆلكە ھالقىپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويغان.

  بۇ قېتىمقى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى ھەرقايسى بىرتۇتاش پىلانلىنىدىغان رايونلاردىكى بەلگىلەنگەن نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ، ئامبۇلاتورىيەنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك، ئالاھىدە كېسەللىك خىراجىتىنى ئۆلكە ھالقىپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئالدىنئالا سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە ئۆز دەرىجىلىك ۋە چېڭدۇ شەھىرى قاتارلىق يەتتە ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر، چۇڭچىڭ شەھىرى، يۈننەن ئۆلكىسى، گۈيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ موشىنەن بۇيى-مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 328 نۇقتا قىلىپ بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتىدا نۇقتىدا سىناق قىلىپ قانات يايدۇرۇلغان، كېيىن راسچوت قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان جايلار ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دائىرىسى تەدرىجىي كېڭەيتىلىپ، ئامبۇلاتورىيەنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك، ئالاھىدە كېسەللىك خىراجىتىنى ئۆلكە ھالقىپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ