مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2021-يىللىق ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدۇ

2021.01.13 19:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىنىڭ مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2021-يىللىق ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش مەخسۇس سەھىپىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2021-يىللىق ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىكەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن كېيىن، «مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2021-يىللىق ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش مەخسۇس تور بېكىتى (http://bm.scs.gov.cn/kl2021)گە كىرىپ تەكشۈرسە بولىدىكەن.

  بۇ يىل يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكىنى بېكىتكەندە ھەم يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان مەمۇرلارنىڭ جەزمەن ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئاساسىي ساپاسى كۆزدە تۇتۇلدى، ھەم ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى ئورگانلارنىڭ ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىدىغان خىزمەت ئورنىنىڭ مەمۇرلارنىڭ ئىقتىدارىغا بولغان ئوخشاش بولمىغان تەلەپلىرىگە تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، قاتلاملارغا بۆلۈپ ئايرىش ئۇسۇلى قوللىنىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەربىي رايونلار ۋە جاپالىق، چەت-ياقا رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا بەلگىلىك سىياسەت جەھەتتىن مايىللاشتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك (مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ لاياقەتلىك بولۇشتىكى ئومۇمىي نومۇرى 105 نومۇردىن تۆۋەن بولماسلىقى، ھەمدە مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدار سىنىقى 60 نومۇردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك؛ شەھەر (ۋىلايەت) دەرىجىلىك ۋە ناھىيە (رايون) دەرىجىلىك بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ لاياقەتلىك نومۇر چېكى 95 نومۇردىن تۆۋەن بولماسلىقى ھەمدە مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدار سىنىقى نومۇرى 50 نومۇردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك؛ غەربىي رايون ۋە جاپالىق چەت، ياقا رايونلار (سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، گۇاڭشى، چۇڭچىڭ، سىچۈەن، گۇيجوۋ، يۈننەن، شىزاڭ، شەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا، شىنجاڭ قاتارلىق 15 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر)دىكى شەھەر (ۋىلايەت) ۋە ناھىيە (رايون) دەرىجىلىك بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلاردىكى خىزمەت ئورنى، نىشانلىق قوبۇل قىلىنغان ئالىي مەلۇماتلىق كەنت كادىرلىرى، «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» قاتارلىق ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش تۈرلىرىدىكى خادىملار ۋە ئارمىيەدە بەش يىلدىن ئارتۇق (بەش يىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە قارىتىلغان خىزمەت ئورنى، دۆلەت ئورتاق تىلىدىن باشقا تىلدا ئىمتىھان بېرىدىغانلار ھەمدە ئالاھىدە كەسپىي خىزمەت ئورنىنىڭ لاياقەتلىك نومۇر چېكى 90 نومۇردىن تۆۋەن بولماسلىقى، ھەمدە مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدار سىنىقى 45 نومۇردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورنى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرى خىزمەت ئورنىغا كەسپىي پەن يېزىقچە ئىمتىھانى بىر تۇتاش تەشكىللەندى، كەسپىي پەن يېزىقچە ئىمتىھانىنىڭ لاياقەتلىك نومۇر چېكى 45 تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. ھەر قايسى ئورۇنلاردىكى يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكى − بەلگىلەنگەن يۈزتۇرانە ئىمتىھان نىسبىتىگە ئاساسەن، يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ بېكىتىلىپ، جەمئىيەتكە بىر تۇتاش ئېلان قىلىنىدۇ. يۈزتۇرانە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى خىزمەتكە قوبۇل قىلغۇچى ئورگانلار كونكرېت يولغا قويىدۇ. يۈزتۇرانە ئىمتىھاندىن بۇرۇن، «مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2021-يىللىق ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش مەخسۇس تور بېكىتى»دە يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئېلانى چىقىرىلىدۇ، يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان خادىملارنىڭ ئىسىملىكى، يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى، يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋاقتى، يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئورنى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ۋە بىلىشكە تېگىشلىك باشقا ئىشلار ئېنىق يېزىلىدۇ. ئاممىۋى پەنلەر يېزىقچە ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغانلار سانى بىلەن قوبۇل قىلىنىدىغانلار سانىنىڭ نىسبىتى بەلگىلەنگەن يۈزتۇرانە ئىمتىھان نىسبىتىگە يەتمىگەن قىسمەن خىزمەت ئورۇنلىرىغا قارىتا، دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى بۇ يىل 1-ئايدا ئاشكارا تەڭشەيدۇ، كېيىن يەنە خادىملار بوش قالغان ئورۇنلارغا قارىتا جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، بىر تۇتاش تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ.

  دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى مەمۇرلار قانۇنى ۋە مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئىمتىھان ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئىناۋەتسىز قىلىش، ئىمتىھان سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش، ئىمتىھان بېرىشكە چەك قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، ئىمتىھان ئىستىلى ۋە ئىمتىھان ئىنتىزامىنى يەنىمۇ چىڭىتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ