مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە تۇنجى سۈنئىي ھەمراھ-يەر يۈزى كىۋانت ئالاقىسى تورى بەرپا قىلدى

كىۋانت شىفىرلىق ئاچقۇچى تارقىتىش 4600 كىلومېتىر ھالقىدى

2021.01.12 19:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى جۇڭگو پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ 4600 كىلومېتىر ھالقىغان سۈنئىي ھەمراھ-يەر يۈزى كىۋانت شىفىرلىق ئاچقۇچى تارقىتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاسمان-زېمىن بىر گەۋدىلەشكەن كەڭ دائىرىلىك كىۋانت خەۋەرلىشىش تورىنىڭ دەسلەپكى شەكلىنى بەرپا قىلىپ، كەلگۈسىدە يەر شارىنى قاپلىغان كىۋانت مەخپىي خەۋەرلىشىش تورىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا ئاساسى سالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  1-ئاينىڭ 7-كۈنى تاڭ سەھەردە، جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى پەن جيەنۋېي ۋە خىزمەتدىشى چېن يۈئاۋ، پېڭ چېڭجى قاتارلىقلار جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شاڭخەي تېخنىكا فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىدىكى ۋاڭ جيەنيۈ تەتقىقات گۇرۇپپىسى، جىنەن كىۋانت تېخنىكىسى تەتقىقات يۇرتى ۋە جۇڭگو سىملىق تېلېۋىزىيە تور چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرنال «تەبىئەت»تە «4600 كىلومېتىر ھالقىغان ئاسمان-زېمىن بىر گەۋدىلەشكەن كىۋانت خەۋەرلىشىش تورى» تېمىلىق ئىلمىي ماقالىنى ئېلان قىلىپ، كەڭ دائىرىلىك كىۋانت مەخپىي خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىش شەرتىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «تەبىئەت» ژۇرنىلىنىڭ ماقالە تەكشۈرگۈچىسى مۇنداق باھا بەرگەن: بۇ، يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئىلغار كىۋانت شىفىرلىق ئاچقۇچى تارقىتىش تورى بولۇپ، كىۋانت خەۋەرلىشىشىدىكى «زور قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك نەتىجە» ھېسابلىنىدۇ.

  2016-يىلى، جۇڭگو يەر شارى بويىچە تۇنجى كىۋانت ئىلمىي تەجرىبىخانىسى سۈنئىي ھەمراھى «موزى نومۇرلۇق»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى. 2017-يىلى، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە تۇنجى كىۋانت مەخپىي خەۋەرلىشىش غول لىنىيەسى «بېيجىڭ-شاڭخەي غول لىنىيەسى»نى قۇرۇپ چىقتى. جۇڭگو پەن تەتقىقات كوللېكتىپى «بېيجىڭ-شاڭخەي غول لىنىيەسى» بىلەن «موزى نومۇرلۇق»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇدۇللاشتۇرۇش ئاساسىدا، دۇنيا بويىچە تۇنجى 700دىن ئارتۇق يەر يۈزى ئوپتىك تالاسى كىۋانت شىفىرلىق ئاچقۇچى تارقىتىش زەنجىرى بىلەن ئىككى سۈنئىي ھەمراھنىڭ يەر شارىغا قارىتىلغان ئەركىن بوشلۇق تېز سۈرئەتلىك كىۋانت شىفىرلىق ئاچقۇچى تارقىتىش زەنجىرى توپلاشتۇرۇلغان كەڭ دائىرىلىك كىۋانت خەۋەرلىشىش تورى بەرپا قىلىپ، سۈنئىي ھەمراھ-يەر يۈزى بىر گەۋدىلەشكەن كەڭ دائىرىلىك، كۆپ ئابونتلۇق كىۋانت شىفىرلىق ئاچقۇچى تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. پۈتۈن تور دۆلىتىمىزنىڭ تۆت ئۆلكە، ئۈچ شەھىرىدىكى 32 تۈگۈننى قاپلاپ، بېيجىڭ، جىنەن، خېفېي ۋە شاڭخەيدىن ئىبارەت تۆت كىۋانت شەھەر تورىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، ئىككى سۈنئىي ھەمراھ يەر يۈزى پونكىتى بىلەن «موزى نومۇرلۇق»نى تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئومۇمىي ئارىلىقى 4600 كىلومېتىر كېلىدىغان، ھازىر پۇل مۇئامىلە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى قاتارلىق ساھەدىكى 150دىن ئارتۇق ئابونتقا ئۇلىدى.

  كىۋانت شىفىرلىق ئاچقۇچى تارقىتىشنىڭ ئاساسلىقى ئوپتىك تالا ۋە ئەركىن بوشلۇقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىشقا ئاشۇرۇش شەكلى بار. ئوپتىك تالالىق كىۋانت شىفىرلىق ئاچقۇچى تارقىتىش تېخنىكىسىنىڭ قانال مۇقىملىقى بىرقەدەر ياخشى، ئاساسەن تۇراقلىق بولغان بىخەتەرلىك بىت نىسبىتى ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، شەھەر دائىرىسى ئىچىدە ئوڭايلا تۈمەنلىگەن ئائىلىگە ئۇلىغىلى بولىدۇ؛ لېكىن ئوپتىك تالا بايلىقى چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان مەيداندا سۈنئىي ھەمراھ ئالماشتۇرۇپ بەرگەن ئەركىن بوشلۇق قانىلى ئارقىلىق ئۇلىسا بولىدۇ. يەر يۈزى ئوپتىك تالاسى بىلەن ئەركىن بوشلۇقنى بىرلەشتۈرگەندە كەڭ كۆلەملىك، تولۇق قاپلىنىدىغان يەر شارىلاشقان كىۋانت خەۋەرلىشىش تورىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ