مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

1-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 24كىچە بولغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى

2021.01.11 18:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىماردىن 103نى دوكلات قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى چېگرا سىرتىدىن كىرگەن بىمار 18 (گۇاڭدۇڭدىن يەتتە، لياۋنىڭدىن تۆت، تيەنجىندىن ئىككى، شاڭخەيدىن ئىككى، فۇجيەندىن بىر، يۈننەندىن بىر، شەنشىدىن بىر)، يەرلىكتىكى بىمار 85 (خېبېيدىن 82، لياۋنىڭدىن ئىككى، بېيجىڭدىن بىر)؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن قازا قىلغان بىمار يوق؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن گۇمانىي بىمار يوق.

  شۇ كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار 18، تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان قويۇق ئۇچراشقۇچى 405 بولۇپ، ئېغىر بىمار ئالدىنقى كۈندىكىدىن تۆتى كۆپەيگەن.

  سىرتتىن كىرگەن ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 298 (بۇنىڭ ئىچىدىكى ئېغىر بىمار بەش)، ھازىر بار بولغان گۇمانىي بىمار يوق. جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 4430، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار 4132، قازا قىلغان بىمار يوق.

  1-ئاينىڭ 10-كۈنى، سائەت 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 673 (بۇنىڭ ئىچىدىكى ئېغىر بىمار 20)، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار 82 مىڭ 229، قازا قىلغان بىمار 4634، دوكلات قىلىنغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 87 مىڭ 536، ھازىر بار بولغان گۇمانىي بىمار يوق. ئىز قوغلانغان قويۇق ئۇچراشقۇچى 925 مىڭ 42، تېخىچە تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان قويۇق ئۇچراشقۇچى 26 مىڭ 652 كىشى.

  31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى دوكلات قىلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى 76 (سىرتتىن كىرگىنى 15)؛ شۇ كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان دەپ ئۆزگەرگەن بىمار 31 (سىرتتىن كىرگىنى ئۈچ)؛ شۇ كۈنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغىنى توققۇز (سىرتتىن كىرگىنى سەككىز)؛ تېخىچە تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى 506 (سىرتتىن كىرگىنى260).

  شياڭگاڭ-ئاۋمېن-تەيۋەن رايونى قوبۇل قىلىپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 10 مىڭ 116، بۇنىڭ ئىچىدە، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا 9242 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 8423، قازا قىلغىنى 158)سى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا 46 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 46)سى، تەيۋەن رايونىدا 828 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 720، قازا قىلغىنى يەتتە)سى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ