خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ «يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدىكى ‹تۆت خاھىش› مەسىلىسىنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش، ئاشكارىلاش مەخسۇس رايونى» ھەرقايسى جايلار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان «تۆت خاھىش» مەسىلىسىدىكى توققۇز تىپىك دېلو مىسالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان مەسىلىلەر تيەنجىن، جياڭسۇ، جېجياڭ قاتارلىق توققۇز ئۆلكىدىن چىققان بولۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ-ئىچىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات قوبۇل قىلىش-بېرىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەمىنات-ياردەم پۇلى ياكى پاراۋانلىق تارقىتىش قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرگە چېتىلغان. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدە «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنى توسۇشتا بىرقەدەر كۈچلۈك چۆچۈتۈش رولىغا ئىگە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ