مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى بايرىمى تەبرىكلەندى

2021.01.11 18:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئورگىنى داغدۇغىلىق ساقچى بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى بايرىمىنى تەبرىكلىدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىكى تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە قەھرىمان-نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى، مىنىستىرلىق ئورگىنىدىكى كادىرلار ۋەكىللىرى قاتارلىق 300دىن ئارتۇق كىشى مۇراسىمغا قاتناشتى، ساقچىغا كىرىش قەسەم سۆزىنى قايتا تەكرارلاپ، ساقچى شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى ھەم ساقچى بايرىقىغا تەنتەنىلىك سالام بەردى.

  لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى خېپىڭ رايونىنىڭ جۇڭشەن مەيدانىدا «ساقچى گازارمىسى مەدەنىيەت ھەپتىلىكى − ساقچى ئىشلىرى مەيدانى» تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، شېنياڭدىكى ھەرقايسى ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىمۇ ئۆز تەۋەلىكىدە ساقچى ئىشلىرىنى تەشۋىق قىلدى. 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، شاڭخەي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 110 ساقچىغا مەلۇم قىلىش مۇلازىمەت سۇپىسى يېڭى بىر ئەۋلاد سىگنال تاپشۇرۇۋېلىش مەركىزىنى ئىشلىتىشكە باشلاپ، سىگنال تاپشۇرۇۋېلىش، بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈمى ۋە سىستېمىنىڭ مۇقىملىقلىقىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. ئەنخۇي ئۆلكىسى بېڭبۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورنى 10 نەچچە تورداشنى ساقچى گازارمىسىغا كىرىپ «نۆل ئارىلىق»تا ساقچى ئىشلىرى خىزمىتىنى چۈشىنىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى گۇاڭدۇڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى قەھرىمانلار مەيدانىدا داغدۇغىلىق ساقچى بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، پۈتۈن ئۆلكىدىن كەلگەن خەلق ساقچىسى ياردەمچى ساقچى ۋەكىلىدىن 1000 كىشى قاتناشتى. شىزاڭ چېگرا تەكشۈرۈش باش پونكىتى بايراق چىقىرىپ قەسەم بېرىش، ساقچى گازارمىسىنى ئېچىۋېتىش، باش تېمىلىق نۇتۇق سۆزلەش ۋە «دۆلەت دەرۋازىسىغا مەدھىيە − ئەڭ گۈزەل مۇھاپىزەتچى» بەدەن چېنىقتۇرۇپ يۈگۈرۈش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ