بېيجىڭ-خاربىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ بېيجىڭدىن چېڭدېغىچە بولغان بۆلىكىنى زىيارەت

2021.01.08 19:09 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، سىناق قىلىنىپ يول يۈرۈۋاتقان «فۇشىڭ» ناملىق سوغۇققا چىداملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز خۇەيروۋ جەنۇبىي ۋوگزالىغا كىردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭ-خاربىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا ھازىر پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاش تەتۈر ساناق باشلانغان. بېيجىڭ-خاربىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى – دۆلەت «سەككىز تىك، سەككىز توغرا» يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، قاتناش باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان بېيجىڭ-خاربىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ بېيجىڭ-چېڭدې بۆلىكى لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 192 كىلومېتىر. بۇ بۆلەكتە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، بېيجىڭ-خاربىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، بېيجىڭ بىلەن شېنياڭنىڭ قاتناش ۋاقتى 2.5 سائەتكە قىسقارتىلىدۇ. بېيجىڭ-خاربىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ چېڭدېدىن شېنياڭغىچە بولغان بۆلىكىدە 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى قاتناش باشلانغان ئىدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ چېنلىن فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ