مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەدەم قويۇشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولايلى

−− چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى پەيتىدە

2021.01.06 19:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيە.

  2016-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر شەرھلەپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغ خەرىتىسىنى سىزدى. بەش يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىزچىل كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى تۈرتكە بولۇپ، چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى جايلارغا كۆپ قېتىم چوڭقۇر چۆكۈپ، خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، كۆپ قېتىم يىغىننى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، تارىخ ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى مەنپەئەتىدىن چىقىش قىلىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ، يۆنىلىشىنى بەلگىلىدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سالمىقىنىڭ زورلۇقى، كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى، تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى مىسلىسىز بولدى. سەككىز چوڭ مەخسۇس ھەرىكەتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، 2020-يىلى پۈتۈن ئېقىن رايونىدا ناچار 5-دەرىجىلىك سۇ سۈپىتىنى تۈگىتىش كەسمە يۈزىنى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇشتىن دەل جايىدا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا بېجىرىپ، بېلىقچىلار كېمىسى، بېلىقچىلارنىڭ تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاپ، چاڭجياڭ دەرياسىدا «بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل چەكلەش»نى يولغا قويۇشقا پۇختا ئاساس سالغۇچە، يەنە «ئېغىر خىمىيە سانائىتى دەريانى قورشىۋېلىش» قىيىن مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىپ، چاڭجياڭ يېشىل ئېكولوگىيە كارىدورىنى كۈچەپ بەرپا قىلغۇچە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشتا بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش يۈزبېرىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، تەرەققىيات داۋامىدا قوغداش، قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  چوڭ ئىستراتېگىيە چوڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا چاقىرىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى يېڭى يۈكسەكلىكنى نىشانلىدى. بۇلتۇر 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېچىلغان چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىغا ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان يېشىل تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، رايونلار ماس تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىپ، تاغ، سۇ ، ئادەم، شەھەر ئىناق ئۆتۈش، ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشنىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى دۆلىتىمىزدىكى ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان يېشىل تەرەققىيات ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدىغان ئاساسىي تومۇرغا، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئاساسىي قوشۇنغا ئايلاندۇرۇشتەك يېڭى تارىخىي بۇرچنى يۈكلىدى. بۇرچنى ئادا قىلىپ، ئۈمىدنى ئاقلاش ئۈچۈن ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا، ئاغرىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى توختىماي ھەل قىلىپ، «تۆھپىدە مەن بولمىساممۇ بولىدۇ» دەيدىغان مەنىۋى مەنزىل ۋە «تۆھپە قوشۇشتا مەن بولمىسام بولمايدۇ» دەيدىغان تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تارىخىي سەۋرچانلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە تۈزۈپ چىقىپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەپ، سۈزۈك دەريا سۈيىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئېقىپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «14-بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى، چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ. قانداق قىلغاندا ئۇنىۋېرسال تۈزەشنىڭ سىستېمىلىقلىقى ۋە بىر پۈتۈنلۈكىنى كۈچەيتىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىستېمىسىنى قوغداپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىننىڭ ماسلىشىپ، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، رايونلار ماس تەرەققىياتىنىڭ «بىر تاختا شاھمات»تىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا كەسىپ ئاساسىنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنىڭ ئومۇمىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك ياراتقىلى بولىدۇ؟ بۇ تېمىلارغا ياخشى جاۋاب بېرىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەرەققىياتنىڭ پۈتۈن جەريانى ۋە ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، يېشىل تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى يولدا مېڭىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ياخشى ئۈلگە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  چاڭجياڭ دەرياسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئانا دەرياسى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تىرەك. چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئېكولوگىيەلىك چاڭجياڭنى ئورتاق قوغداپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى توپلايدىغان ئىقتىسادىي چاڭجياڭ بەرپا قىلىپ، ئاساسى چوڭقۇر بولغان مەدەنىيەتلىك چاڭجياڭ بەرپا قىلىپ، بەختلىك، گۈزەل، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان چاڭجياڭ قۇرۇپ، «خەلق چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش، چاڭجياڭ دەرياسى خەلققە بەخت يارىتىش»تەك ياخشى ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرساقلا، بىز جەزمەن «زۇمرەتتەك دەريا سۈيى شەرققە ئېقىش»تەك غەلىبە مەنزىرىسىنى بالدۇرراق قايتا نامايان قىلالايمىز، جۇڭخۇا مىللىتى ئانا دەرياسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىيالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ