ئاۋىياماتكا قارئويمىسى خاربىندا نامايان قىلىندى

2021.01.04 19:12 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 3-كۈنى خاربىن شەھىرى داۋۋەي رايونى جياڭپەن باغچىسىنىڭ گۇەندۇڭ مەيدانىدا تارتىلغان ئاۋىياماتكا قارھەيكىلى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بىر ئاۋىياماتكا قارئويمىسى خاربىن شەھىرى جياڭپەن باغچىسىنىڭ گۇەندۇڭ مەيدانىغا قويۇلدى. قارئويمىسى «لياۋنىڭ ناملىق» ئاۋىياماتكىنى ئاساسىي نۇسخا قىلغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 50 مېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 10 مېتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي قار مىقدارى تەخمىنەن 2360 كۇب مېتىردىن ئاشىدۇ، ئۇنى 19 كىشىلىك كوللېكتىپ 20 كۈنگە يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ياسىغان.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (جاڭ تاۋ فوتوسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ