جۇڭغار ئويمانلىقىدا 100 مىليارد كۇب مېتىرلىق چوڭ گازلىق بايقالدى

2020.12.21 18:18 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 12-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى غەربىي قىسىم بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى قەھرىتان سوغۇققا قارىماي، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ تەكشۈرۈش قۇدۇقىنىڭ قۇتۇبى تەكشۈرۈش 1-قۇدۇقى قۇرۇلۇش مەيدانىدا كۈرەش قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 18-دېكابىر جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكى، قۇتۇبى ناھىيەسى چېگراسى ئىچىدىكى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ تەكشۈرۈش قۇدۇقى قۇتۇبى تەكشۈرۈش 1-قۇدۇقىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلانغان گاز زاپىسى كۆلىمى 100 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشقان.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (جوۋ جيەنلىڭ فوتوسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ