مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش

«13-بەش يىل» مەزگىلىدە 700دىن ئارتۇق تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى كۆپەيتىلدى

2020.12.18 18:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، دۆلەت دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمگە ئېرىشتى. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن 700دىن ئارتۇقى كۆپىيىپ، كۆلىمى 25 مىليون گېكتاردىن ئارتۇق ئېشىپ، ئومۇمىي مىقدارى 11 مىڭ 800گە يېتىپ، تەخمىنەن دۆلىتىمىز قۇرۇقلۇق رايونى دۆلەت زېمىنى كۆلىمىنىڭ %18ىنى ئىگىلىدى.

  «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز 25 تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلدى. ۋاڭ خۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ 25 نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 24 ئۆلكىگە چېتىلىپ، 65 دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەگە نەپ يەتكۈزدى. مەركەز مالىيەسى 50 مىليارد يۈەن مۇكاپات مەبلىغى بېرىپ، ھازىر ئەمەلىي تاماملانغان سېلىنما 170 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشى تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق ھەرقايسىسىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيە ئامىلىنى ئومۇميۈزلۈك قوغداش، سىستېمىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش قاتارلىقلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىرتۇتاش پىلانلاشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز چوڭ كۆلەملىك دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. تەبىئىي ئورماننى ئومۇميۈزلۈك قوغداپ، تېرىلغۇدىن ئورمان ۋە ئوتلاققا قايتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، مەملىكەت بويىچە ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %23.04كە يېتىپ، ئورمان زاپىسى مىقدارى 17 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىردىن ئېشىپ، ئوتلاق ئۇنىۋېرسال يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %56كە يەتتى. ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش ۋەزىپىسى ۋە مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە نامرات رايونلارغا مايىللاشتى. «13-بەش يىل»دىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن 23 مىڭ ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، 1 مىليون 600 مىڭ نامرات ئاھالىنى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. ئېكولوگىيە قوغدىغۇچىسىدىن جەمئىي 1 مىليون 100 مىڭنى تاللاپ تەكلىپ قىلىپ، ياردەم بېرىش-يۆلەش باشقا تەدبىرلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، 3 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا دەل جايىدا تۈرتكە بولدى.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، مەركەز مالىيەسى ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالاقىدار يۆتكىمە چىقىم مەبلىغىدىن 877 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاساسلىقى ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسى مۇھىم رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەش، دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيەسىنى قوغداپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنى قوللىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ