مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مالىيە مىنىستىرلىقى «13-بەش يىل» مەزگىلىدە مەركەز مالىيەسى 877 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللىدى، دېدى

2020.12.18 18:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 17-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، مالىيە مىنىستىرلىقى تەبىئىي بايلىق ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى فەن كېجۈن مەركەز مالىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى قوللاش ئەھۋالى ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى ئويلىنىشنى تونۇشتۇردى. فەن كېجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، مەركەز مالىيەسى ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالاقىدار يۆتكىمە چىقىم مەبلىغىدىن جەمئىي 877 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى قوللىدى:

  بىرىنچى، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونى قاتارلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسى مۇھىم رايونلاردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللاپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئىككىنچى، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى قوللاپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇپ، دۆلەت «ئىككى توسۇق، ئۈچ بەلباغ» ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەلىك رايونىدا 25 نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەنىڭ ھەرقايسى ئامىللىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك قوغداپ، سىستېمىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تۈزىدى.

  ئۈچىنچى، دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيەسىنى قوغداش-ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللاپ، «كۆك دېڭىز قولتۇقى»نى تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بوخەي دېڭىزىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى قوللاپ، مانگرو ئورمىنىنى قوغداش-ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، دېڭىز قىرغىقى بەلبېغىنى قوغداش-ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلىدى.

  تۆتىنچى، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئۆز ئىچىگە ئالغان بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ئەتراپى، فېنخې-ۋېيخې تۈزلەڭلىكى، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا تارىختىن قېپقالغان تاشلاندۇق كان مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشنى قوللىدى.

  بەشىنچى، كەڭ كۆلەملىك دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، تەبىئىي ئورماننى سودا خاراكتېرلىك كېسىشنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىشقا مەدەت بېرىپ، دۆلەت ئورمانچىلىق رايونى، ئورمانچىلىق مەيدانى ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تەبىئىي ئورماننى قوغداشنىڭ تولۇق قاپلاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. ئورمان بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تۈزەش، سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈردى.

  فەن كېجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى مەركەز مالىيەسى سېلىنمىسىدىن باشقا، يەنە كۆپ مەنبەلىك سېلىنما مېخانىزمى ئورنىتىشقا پائال تۈرتكە بولۇندى، مەسىلەن، دۆلەت يېشىل تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىنىپ، بازارلاشتۇرۇش قائىدىسى بويىچە يۈرۈشتۈرۈلدى، تۇنجى قاراردا 88 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ توپلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز مالىيەسى 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى رايونلارنىڭ مۇھىت ئاسراش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەم دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنى كۆكەرتىش، ئېنېرگىيە بايلىقىنى تېجەپ ئىشلىتىش قاتارلىق يېشىل تەرەققىيات ساھەلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ھەمكارلىق ئەندىزىسى، ھۆكۈمەت مۇلازىمەت سېتىۋېلىش، ھۆكۈمەت زايومى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ سېلىنمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇندى.

  فەن كېجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، مالىيە مىنىستىرلىقى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەت ھوقۇقى بىلەن چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ماسلاشتۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇمنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ مەنبەلىك سېلىنما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ساھەسىگە سېلىشقا پائال يېتەكلەپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك مالىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ