مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، سۈپەت مۇلازىمىتى ئەلا، ھەمكارلىقى زىچ، مۇھىت سۆيەر

زامانىۋى كەسىپلەر سىستېمىسى تېز بەرپا قىلىندى

2020.12.16 18:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئالغا ئىلگىرىلەش، كەينىگە چېكىنىش، ئايلاندۇرۇش، قاچىلاش-چۈشۈرۈش، بىراقلا پۈتۈش! يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ سىرەكتوپا كانى ــــ ــــ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باۋگاڭ گۇرۇھى بەييۈنئېبو كان رايونىنىڭ غايەت زور خاڭى ئىچىدە ئېگىزلىكى 6.8 مېتىر، يۈك كۆتۈرۈشچانلىقى 170 توننا كېلىدىغان شوپۇرسىز كانغا ئىشلىتىدىغان يۈك ئاپتوموبىلى ئاپتوماتىك مېڭىۋاتاتتى. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى باۋگاڭ گۇرۇھى بىلەن بىرلىشىپ بەرپا قىلغان بۇ «ئەقلىي ئىقتىدارلىق كان رايونى + 5G» ھەر يىلى 30 مىليون يۈەنلىك خادىم، ئېنېرگىيە، خورايدىغان ماتېرىيال تەننەرخىنى تېجەپ، ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت، ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇپ، يەنە كان رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى %10تىن ئارتۇق ئاشۇرالايدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا جەزمەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇپ، تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ سۈپەت ئەۋزەللىكىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، سۈپەت مۇلازىمىتى ئەلا، ھەمكارلىقى زىچ، مۇھىت سۆيەر زامانىۋى كەسىپلەر يېڭى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلدى.

  ــــ ــــ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، كەسىپ يېڭى پەللىگە ئۆرلىدى

  شاڭخەي داجۇڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل زاۋۇتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇش سېخىغا كىرگەندە، ئاپتوماتىك يېتەكلەپ مال توشۇيدىغان كىچىك ماشىنا رەتلىك، پاكىز قۇراشتۇرۇش لىنىيەسىنىڭ يېنىدا ئاپتوماتىك مېڭىۋاتاتتى. پىرىبور تاختىسى ئورنىتىش ئىش ئورنىدا، بىر ئالتە ئوقلۇق ماشىنا ئادەم «بىلىكى»نى مىدىرلىتىپ، كۆرۈش سېزىمى پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى ئارقىلىق نەچچە ئون كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى پىرىبور تاختىسىنى ئەپچىللىك بىلەن ئاپتوموبىل ئىچىگە قاچىلاپ، ئارقىدىنلا بولتىلىرىنى ئاپتوماتىك چىڭىتتى، پۈتۈن جەريانغا 20 سېكۇنتمۇ كەتمىدى، بۇ، ئەنئەنىۋى قولدا توشۇپ-قۇراشتۇرۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئىنچىكە، توغرا بولۇپلا قالماي، كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ يېرىمىنى تېجەپ قالدى. 1400دىن ئارتۇق سانائەت ماشىنا ئادىمى ۋە نۇرغۇنلىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ياسىمىچىلىقنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ۋە رەقەملەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، مەھسۇلات سۈپىتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلدى.

  «2016-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ بارلىق سانائەت قوشۇلما قىممىتى 24 تىرىليون 540 مىليارد يۈەندىن 31 تىرىليون 710 مىليارد يۈەنگە كۆپىيىپ، يىلدا ئوتتۇرىچە %5.9 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى دۇنيا سانائىتىنىڭ يىلدا ئوتتۇرىچە %2.9 ئېشىشىدىن يۇقىرى بولدى»، دېدى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شىن گوبىن، 2019-يىلى دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىقى قوشۇلما قىممىتىنىڭ يەر شارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %28.1كە يېتىپ، ئۇدا 10 يىل دۇنيادىكى 1-ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتى ئورنىنى ساقلىدى. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز يەر شارى بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئوپتىك تالا تورى ۋە G4 تورىنى قۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە كۆچمە چىقىم قىلىش سودا سوممىسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

  ــــ ــــ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشتا يېڭى قەدەم تاشلاندى.

  «قولى»، «پۇتى»، «كۆزى»، «مېڭىسى» بار ليەنشياڭ چېنشىڭ سانائەت ماشىنا ئادىمى ئاپتوماتىك ھالدا دۆلىتىمىزدە ياسالغان چوڭ ئايروپىلاننىڭ سىر پۈركۈيدىغان زاپچىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ، سۈرتكە تارتقان D3 سىنىنى G5 تورى ئارقىلىق يىراقتىكى ئۈسكۈنىگە يوللاپ بەردى. مەشغۇلات قىلغۇچى AR كۆزئەينىكىنى تاقاپ، سېزىپ بىلىش ئۇچۇرىغا ئاساسەن، تۇتقۇچ ئارقىلىق ماشىنا ئادەمگە تىزگىنلەش بۇيرۇقى بەردى. مۇرەككەپ پۈركۈپ سىرلاش خىزمىتىنى تاماملاش بىلەن بىللە، ماشىنا ئادەم يەنە كومپيۇتېر كۆرۈش سېزىمى تېخنىكىسى ئارقىلىق پۈركۈپ سىرلاش سۈپىتىنى تەكشۈرۈشكە ياردەم بېرەلەيدۇ ...

  ليەنشياڭ گۇرۇھى دۆلىتىمىزدىكى 5000دىن ئارتۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى سىستېمىلىق ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭ بىرى. «2016-يىلىدىن باشلاپ، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تىپ ئۆزگەرتىش تەجرىبىمىز ۋە تېخنىكىمىزنى ئورتاقلىشىشقا باشلىدۇق»، دېدى ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ياڭ يۈەنچىڭ، __ ھازىرغىچە، ليەنشياڭ سانائەت ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سۇپىسى 50تىن ئارتۇق ئوتتۇرا، كىچىك زاپچاس ياساش سودىگىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىپ، يەنە نۇرغۇنلىغان ساھەدىكى نەچچە 100 چوڭ تىپتىكى ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنى رەقەملىك ئەقلىي ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى سىستېمىلىق ھەل قىلىش لايىھەسى بازىرىنى يېتىشتۈرۈپ شەكىللەندۈردى. 2020-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، تەسىر كۈچىگە ئىگە سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسىدىن 70تىن ئارتۇقنى قۇرۇپ، 40 مىليون يۈرۈش سانائەت ئۈسكۈنىسىگە ئۇلاپ، سانائەت APPسىنى 350 مىڭدىن ئاشۇردى؛ ياسىمىچىلىق نۇقتىلىق ساھەسىدىكى كارخانىلارنىڭ ئاچقۇچلۇق ئىش تەرتىپىنى رەقەملىك تىزگىنلەش نىسبىتى ۋە رەقەملەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ياساپ لايىھەلەنگەن سايمانلارنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %51.7 ۋە %72.1كە يەتتى.

  «ھازىر دۆلىتىمىز 670تىن ئارتۇق خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن رەقەملىك سېخ ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت قۇردى»، دېدى شىن گوبىن، __ يۇقىرى تۈردىكى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش تاماملانغاندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ئوتتۇرىچە %44.9 ئاشىدۇ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %19.8 ئۆسىدۇ، تىجارەت تەننەرخى %25.2 تۆۋەنلەيدۇ، مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ياساش دەۋرىيلىكى %35 قىسقىرايدۇ، مەھسۇلاتنىڭ ناچار بولۇش نىسبىتى %35.5 تۆۋەنلەيدۇ.

  ــــ ــــ يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشتى.

  بۇلۇت لايىھەلەش سۇپىسىغا چىقىپ، تۇرۇشلۇق شەھەر ۋە ئولتۇراق رايوننىڭ ئىسمىنى كىرگۈزۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆي-زېمىن ئۆي شەكلى چوڭ سانلىق مەلۇماتى ئارقىلىق، بىر كۇنۇپكا بىلەن ئۆي شەكلى ئۈچ ئۆلچەملىك ئىستېرېئولۇق خەرىتىسىنى ھاسىل قىلىپ، ئابونتلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جاھازلىرى مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەپ، قىسقىغىنە ئون نەچچە سېكۇنتتا نەچچە ئون پارچە ئۈنۈم خەرىتىسى ھاسىل قىلىپ، ئابونتلارنىڭ تاللىشىغا تەمىنلىگىلى بولىدۇ...

  چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ زاكاز قىلىنغان مۇلازىمەت ئۆي جاھازلىرى لايىھەلەش كەسپىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلاندى. «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، تورنى ھەمكارلىشىپ ياساش، كەڭ كۆلەمدە خاسلاشتۇرۇپ زاكاز قىلىش، يىراق مۇساپىلىك ئاسراش مۇلازىمىتى، ھەمبەھىرلەپ ياساش، پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىنى باشقۇرۇش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلەر ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى. 5G، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن تېخنىكىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقتا تېز قوللىنىلىپ، 5G+AI ئاساسىدىكى سۈپەت تەكشۈرۈش ۋە كونترول قىلىش، 5G+AR/VR ئاساسىدىكى ئادەم-كومپيۇتېر دىيالوگى ۋە كۆرسىتىش، بۆلەك زەنجىرى ئاساسىدىكى ياساش بايلىقىنى تەشكىللەش قاتارلىق تىپىك قوللىنىش كۆرۈنۈشلىرى شەكىللەندۈرۈلدى.

  نۆۋەتتە، يۇغۇرما قوللىنىش 30 نەچچە نۇقتىلىق ساھەنى قاپلىدى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، تورلاشقان ماسلىشىش، خاس زاكاز قىلىش، مۇلازىمەتنى ئۇزارتىش، رەقەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلەر ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، شۇنداقلا ياسىمىچىلىقنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. شىن گوبىن مۇنداق دېدى: «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، ئېلىمىز دەسلەپكى قەدەمدە 17 دۆلەت بىلەن ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى مۇھىم نۇقتا، 100 دىن ئارتۇق ئۆلكە دەرىجىلىك ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى تولۇقلىما قىلغان ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش تورىنى شەكىللەندۈردى. 2020-يىلى، جۇڭگو دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى «دۇنيا يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچىدە» 14-ئورۇندا تۇرۇپ، 2015-يىلىدىكىدىن 15 ئورۇن ئالدىدا تۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ