بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پىدائىيلىقىغا ئىلتىماس قىلغانلار سانى 960 مىڭدىن ئاشتى

2020.12.07 18:55 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، بېيجىڭ داشۆسىنىڭ ياش پىدائىيلىرى پائالىيەتتە «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پىدائىيلىقىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلار تەشەببۇسنامىسى»نى ئوقۇماقتا.

  شۇ كۈنى، «يالقۇنلۇق قار-مۇز – پىدائىيلار ئۇچرىشىش» بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پىدائىيلىقىغا ئىتىماس قىلغۇچىلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ۋە 5-دېكابىر خەلقئارا پىدائىيلار كۈنى ئاساسىي تېما پائالىيىتى بېيجىڭ داشۆسىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پىدائىيلىرىنى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى، ھازىرغا قەدەر، قوبۇل قىلىش سىستېمىسىنىڭ كۆرۈلۈش مىقدارى 33 مىليون 940 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، رويخەتكە ئالدۇرغان ئادەم سانى 1 مىليون 220 مىڭغا يەتتى، مۇسابىقە پىدائىيلىقىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى 960 مىڭدىن ئاشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى رېن چاۋ فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ