مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى ئېشىش پەللىسى تېز قەد كۆتۈرۈپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىك ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى

−− رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى («13-بەش يىل» مەزگىلىنى مۇشۇنداق ئۆتكۈزدۇق)

2020.12.07 18:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  11-ئاينىڭ بېشىدا، بېيجىڭ خيۇنداي شىركىتى ساڭجوۋ زاۋۇتىنىڭ سېخىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلگەن يۆنا ئاپتوموبىل تىپلىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن ھەيدەپ چىقىلدى.

  بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، بېيجىڭ خيۇنداي شىركىتىنىڭ ساڭجوۋ زاۋۇتى تۈرى ساڭجوۋغا ماكانلاشتى، بۇ، خېبېي ئۆلكىسى كىرگۈزۈپ ماكانلاشتۇرغان سۈپىتى ئەڭ يۇقىرى، ھەجىمى ئەڭ چوڭ بولغان بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي كەسپى ھەمكارلىق تۈرى. بۇ تۈرنىڭ تۈرتكىسىدە، بېيچى دايموس، خيۇنداي موبىس قاتارلىق دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 42 ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئارقا-ئارقىدىن ساڭجوۋغا ماكانلاشتى. پۈتۈن شەھەردە ھازىر ئاپتوموبىل ۋە ئۇنىڭ زاپچاسلىرى تۈرىدىن 200 نەچچىسى قۇرۇلۇپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى.

  2019-يىلى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي رايونىنىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى 167.72 بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 7.59 نۇقتا ئۆستى. بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى زور رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنىڭ جانلىق دەلىلى بولۇپ قالدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «‹13-بەش يىل› مەزگىلىدىكى تەرەققىياتنى پۈتۈن مەملىكەتنى بىر تاختا شاھماتقا ئايلاندۇرۇپ ياخشى قىلىشتا، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش − غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى.» «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش، ئوتتۇرا رايوننى يۈكسەلدۈرۈش، شەرقىي رايوننى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاش سىياسەت سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلار قاتارلىق ئالاھىدە تىپتىكى رايونلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى تېزلىتىلدى. مۇھىم، زور رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىلدى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىدا پۇختا قەدەم تاشلاندى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بۇلغىنىشىنى تۈزەشنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى سىياسەت سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىيات مۇساپىسى تېزلەشتى، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا باشلاندى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

  −− يېڭى ئېشىش پەللىسى تېز قەد كۆتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز زورايدى.

  گۇاڭجوۋدىن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ بىر سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرگەندە، دۇڭگۇەن شەھىرى سۇڭشەنخۇ كۆلى بويىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، بۇ يەرگە جۇڭگو (دۇڭگۇەن) تارقاق نېيترون مەنبەسى جايلاشقان بولۇپ، 2018-يىلى 8-ئايدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئۇ خۇددى بىر دانە «دەرىجىدىن تاشقىرى مىكروسكوپ»قا ئوخشاش، ماددىي ماتېرىياللارنىڭ مىكرو قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك ئۆلچىگۈچتۇر.

  «‹سۈنئىي مۇسكۇل› چوقۇم مىكرو قۇرۇلما تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىلىشى، دائىم بىرنەچچە نانومېتىر ئۆلچەمدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.» جەنۇبىي جۇڭگو تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى يىن پەنچاۋ مۇنداق دېدى: «سۈنئىي مۇسكۇل» ماتېرىيال ئىلمىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشلىرىنىڭ بىرى، كەلگۈسىدە بىيومېدىتسىنا ئۈسكۈنىلىرى ۋە بىيونىكىلىق ماشىنا ئادەم قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىشتىن ئۈمىد بار.

  يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەپ، يېڭى ئېگىزلىك بەرپا قىلىندى.

  گۇاڭجوۋدىن شېنجېن، جۇخەيگىچە، يەنە شياڭگاڭ، ئاۋمېنغىچە ئۇزارتىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى توپلانغان ئىككى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارىدورى قەد كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، گۇاڭدۇڭنىڭ يېڭى ئىقتىسادىي قوشۇلما قىممىتى 2 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى %25.6 كە يەتتى.

  «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلەتنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرى، مەركىزىي شەھەرلەر چەمبىرىكى، شەھەرلەر توپى قاتارلىقلار رايون تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق بوشلۇق ۋاسىتىسى قىلىنىپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى بارغانسېرى گەۋدىلىنىپ، تۈرتكە بولۇش ۋە تەسىر كۆرسىتىش رولى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. 2019-يىلى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى ۋە گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 8 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن، 23 تىرىليون 700 مىليارد يۈەن ۋە 11 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

  جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى جاڭ يەنشېڭ مۇنداق دېدى: «يېڭى ئېشىش پەللىسىنىڭ تېز قەد كۆتۈرۈشى دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.»

  −− ئېكولوگىيە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ، يېشىل تەرەققىي قىلىپ، جايلارنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلدى.

  چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا، چۇڭچىڭ فۇلىڭنىڭ چىلىغان كۆكتاتلىرى يىراق-يېقىنغا داڭلىق، ئىلگىرى كۆكتات سۈيى بىۋاسىتە چىقىرىۋېتىلەتتى، ھازىر كىشىلەر كۆكتات سۈيىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك جياڭيۇ ياساپ، ئايلانما ئىقتىسادنىڭ يېشىل تەرەققىيات يولىدا ماڭدى؛

  چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدا، خۇبېي دەنجياڭكوۋ سۇ ئامبىرىنىڭ يېنىغا پارچە-پارچە ئەبنۇس ئورمىنى تىكىلگەن بولۇپ، ھەم سۇ-تۇپراقنى قوغدىيالايدۇ، ھەم يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، بۇ ئەبنۇس ئورمىنىغا تايىنىپ، قوشنا كەنتلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدى؛

  چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا، شاڭخەينىڭ يېنىدىكى جېجياڭ پىڭخۇنىڭ گۇاڭچېن بازىرى شەنتاڭ كەنتىدە ئاق تام، كاھىشلار گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، شەنتاڭ كەنتى ئەتراپىدا پىڭخۇ يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى كىرگۈزگەن شاڭخەي ئىستېرېئولۇق كۆكتات زاۋۇتىنىڭ مو بېشى مەھسۇلات قىممىتى ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىقنىڭ 75 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

  شىددەت بىلەن توختىماي ئېقىۋاتقان تۈمەن چاقىرىملىق چاڭجياڭ دەرياسى، ماس تەرەققىيات بەلبېغىنى ئىخچام تەسۋىرلىمەكتە. ئېكولوگىيە گۈزەللەشتى، 2019-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك سۇ نىسبىتى %82.5كە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 6.1 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولدى؛ ئىقتىساد تېخىمۇ زورايدى، 2019-يىلى چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 45 تىرىليون 780 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %6.9 ئاشتى. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىي قىلىش چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىن رايونى، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكىنى ئۇلاپ، جايلارنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردى.

  «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ شەرقى، ئوتتۇرا قىسىم، غەربى ۋە شەرقىي شىمالدىن ئىبارەت «تۆت چوڭ بۆلەك» ئەۋزەللىكىنى ئۆزئارا تولۇقلاپ، تەڭ ئىلگىرىلىدى. شەرقىي قىسىم رايونلىرى سەركىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇردى، ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، سانائەتنىڭ تۈرتكىلىك رولى كۆرۈنەرلىك بولدى، غەربىي قىسىم رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشى مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمگە ئېرىشتى، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ مۇھىم تاۋار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قاتارلىق ئىقتىدارى ۋە ئورنى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. 2019-يىلى ئوتتۇرا قىسىم، غەربىي قىسىم رايونلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالدىنقى يىلدىكىدىن %7.3 ۋە %6.7 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 1.2 ۋە 0.6 پىرسەنت پوئىنت تېز بولدى.

  __ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىشى پۇختا قەدەمدە ئۆسۈپ، خەلق ئاممىسىنى تەرەققىيات نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈردى.

  %90 كە يېقىن ئوقۇغۇچى يېزىدىن كەلگەن، 7/1كە يېقىن مەخسۇس تەيىنلەنگەن ئوقۇتقۇچى بېيجىڭ داشۆ، ۋۇخەن داشۆ قاتارلىق مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق 20 نەچچە ئالىي مەكتەپتىكى پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلار. قۇرۇلغىنىغا ئاران ئۈچ يىل بولغان ديەنشى ئەمەلىي تېخنىكا داشۆسى پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلار مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، غەربىي قىسىم ئالىي مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىلەندۈردى.

  «غەربىي قىسىم ئالىي مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىلىم، تەجرىبىدە ئورتاقلىشىش بەختلىك ئىشتۇر. ديەنشى ئەمەلىي تېخنىكا داشۆسىدە مائارىپقا ياردەم بېرىش ئورتاق يېڭىشتۇر.» بۇ يىل 5-ئايدا، ۋۇخەن داشۆسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان پىروفېسسورى ليۇ ۋېي خانىمى جۇڭنەن مالىيە-ئىقتىساد سىياسىي قانۇن داشۆسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان پىروفېسسورى جوۋ يۆمېي بىلەن بىللە دالىغا باردى.

  رايونلار ماس تەرەققىياتىدا جەزمەن خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن كەڭ خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشى سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىش سەۋىيەسى پۇختا قەدەمدە ئۆسۈپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ راۋانلىق دەرىجىسى تېخىمۇ تەڭپۇڭلىشىپ، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى تېز بەرپا قىلىنىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى... رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئېلىپ كەلدى. رايونلار ماس تەرەققىياتى يۆگىمە رەسىمىنىڭ ئاستا-ئاستا ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ ئاشتى، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈلدى، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ