خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2021-يىللىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 9 مىليون 90 مىڭ كىشى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 350 مىڭى كۆپەيگەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى كەسكىن، مۇرەككەپ بولىدىكەن.
12-ئاينىڭ 1-كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 2021-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى تور سىن يىغىنى ئېچىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن تۈرلۈك ئاماللار بىلەن 2021-يىللىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
ھەرقايسى جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى «بىرىنچى قول قۇرۇلۇشى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدە مەنبەنى ئېچىپ ئىش ئورنىنى كېڭەيتىپ، كۆپ مەنبەلىك تەمىنلەشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق ساھەلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ھەربىيلىككە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئىلھاملاندۇرۇپ، پەن تەتقىقات ياردەمچىسى ئىش ئورنى ۋە 2-باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك.
جايلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى يولنى كېڭەيتىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، ھوقۇق-مەنپەئەت كاپالەتلەندۈرۈلگەن ماس بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى كېڭەيتىپ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تەكلىپ قىلىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەكلىپ قىلىشنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كۆپ يوللار ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوللاش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ