مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتتى ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتتى

2020.12.02 17:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-دېكابىر مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە ئېلىمىزنىڭ مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيەسىدە يېڭى ئۆسۈش بولغان، ھەر دەرىجىلىك مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتكەن ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرەققىيات يىرىك پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ چاڭيا شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تونۇشتۇردى: 2019-يىلى مەملىكەت بويىچە يەسلى مائارىپى بويىچە يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %83.4 كە، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %94.8 كە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %89.5 كە يەتتى؛ ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى % 51.6 كە يېتىپ، ئاممىۋىلىشىشتىن ئومۇملىشىشقا ئۆتۈشتەك تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئەمگەك يېشىدىكى ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيەلىنىش يىل چېكى 10.7 يىلغا، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئېلىش نىسبىتى %50.9 كە، ئوتتۇرىچە تەربىيەلىنىش يىل چېكى 13.7 يىلغا يەتتى.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن، ئوقۇشتىن توختىغان ئوقۇغۇچىلار سانى بويىچە ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 200 مىڭ ئوقۇغۇچىدىن «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان يېزا ۋە نامرات رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلار سانى جەمئىي 525 مىڭغا يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ