مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«13-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلدى

−− جەمئىيەت ئىدارە قىلىنىپ، ھاياتىي كۈچى نامايان بولدى («13-بەش يىل»نى مۇنداق ئۆتكۈزدۇق)

2020.11.30 19:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «بىر دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئاساسىي قاتلامدا ئىپادىلىنىدۇ. ئاساس پۇختا بولمىسا، تاغمۇ تەۋرەيدۇ. ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك.»

  «جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ‹فېڭچياۋ تەجرىبىسى›دە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.»

  «ھەمتۈرتكە بولۇپ يۇغۇرۇلۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، دېموكراتىك قانۇنچىللىق، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش، قانۇنچىللىشىش، ئەقلىيلىشىش، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرنى ئالدىن مۆلچەرلەش، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.»

  ....

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، دېموكراتىك كېڭىشىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالەتلىك قىلىدىغان، پەن-تېخنىكا تىرەك بولىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولغان، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، ھەممە كىشى بەھرىمەن بولىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسىنى پائال بەرپا قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش − دۆلىتىمىزنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى − دۆلىتىمىز جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجىسىگە ئايلاندى.

  جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

  ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش ۋە جەمئىيەت تەڭشەش، ئاھالە ئاپتونومىيەسى ياخشى ھەمتۈرتكە بولدى

  100 مېتىر، نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇزۇن ئەمەس. لېكىن خەلق ساقچىسى ليۇ شياۋجۇڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئۆمرىدە بېسىپ ئۆتكەن ئەڭ ئۇزۇن يول ئىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، نۇرغۇن بىمار ۋۇخەن شەھەرلىك 11-دوختۇرخانىغا كەلدى، دوختۇرخانىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ۋۇخەن شەھىرى جياڭخەن رايونى خەنشىڭ كوچىسى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى ليۇ شياۋجۇڭ ئاغرىقلارنى دوختۇرخانىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىن بىر-بىرلەپ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىكى كېسەل كارىۋىتىغا يۈدۈپ ئېلىپ باردى، قىسقىغىنا 100 مېتىر ئارىلىقتا ئۇياق-بۇياققا مېڭىۋەرگەن ليۇ شياۋجۇڭنىڭ مۇداپىئە كىيىمى ئىچىدىكى كىيىملەر تەردىن ھۆل بولۇپ كەتكەن بولۇپ، كۆز ئاسراش ئەينىكىدىكى سۇ پارى كۆرۈش سىزىقىنى غۇۋالاشتۇرغان ئىدى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ھەر ساھە، ھەر كەسپتىكىلەر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالدى، دۆلەت كارخانىلىرى، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالدى، 4 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ئاتاكىغا ئۆتتى، 4 مىليوندىن ئارتۇق مەھەللە خىزمەتچىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 650 مىڭدىن ئارتۇق شەھەر-يېزا مەھەللىلىرىدە كېچە-كۈندۈز نۆۋەتچىلىك قىلدى، تۈرلۈك پۇقراۋى كارخانا، پۇقراۋى دوختۇرخانا، خەير-ساخاۋەت ئورگىنى، ياشانغانلار ساناتورىيەسى، پاراۋانلىق ئورنى قاتارلىقلار پائال كۈچ چىقاردى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن كۈرەش قىلدى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا ماڭدى، كەڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى جاسارەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى، نەچچە مىليون تېز يەتكۈزۈش خادىمى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ھەر تەرەپكە چاپتى، 1 مىليون 800 مىڭ مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى سەھەر تۇرۇپ كەچ ياتتى، ئاخبارات خىزمەتچىلىرى بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكتى، مىليونلىغان پىدائىيلار ۋە ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشتى...

  يۈرەكنى تىترىتىدىغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭى − بىر مەيدان مىسلىسىز جاپالىق تارىخىي چوڭ سىناقتۇر. بۇ قېتىمقى چوڭ سىناقتا، ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش بىلەن جەمئىيەت تەڭشەش، ئاھالە ئاپتونومىيەسى ئۆزئارا ياخشى تۈرتكە بولدى، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە شەكىللەنگەن پارتكوم رەھبەرلىك قىلىش، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولۇش، دېموكراتىك كېڭىشىش، جەمئىيەت ماسلىشىش، ئامما قاتنىشىش، قانۇنچىللىق كاپالەتلىك قىلىش، پەن-تېخنىكا تىرەك بولۇشتەك جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئەمەلىي جەڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى.

  «ئاپامنىڭ ئاپام ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلايمەن» دېگەن مەسىلە ئىلگىرى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلە ئىدى. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، قانۇنچىللىق ئېڭى ۋە مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇشنى مۇلازىمەتكە سىڭدۈرۈپ، مۇلازىمەت ئارقىلىق باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى.

  دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە، ھەرقايسى جايلار تەدبىرلەرنى تەڭشەپ، رەسمىيەتنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كەسىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت ئىشلىرىنى بىر توردا بېجىرىشكە تۈرتكە بولۇپ، كارخانا قۇرۇشنىڭ پۈتۈن مۇساپىسىنى توردا بېجىرىشنى ئىلگىرى سۈردى. كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تىجارەت سورۇنىنى تىزىملىتىش چەكلىمىسىنى كەڭ قويۇۋېتىپ، تۈرلۈك ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇپ تىجارەت قىلىش، يۆلەش سىياسىتىدىن ۋاقتىدا بەھرىمەن بولۇشىغا قولايلىق ياراتتى. كارخانا قۇرۇشنى بەش خىزمەت كۈنىگە يەتمىگەن ۋاقىتتا تاماملىغىلى بولدى، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش 120 خىزمەت كۈنىدىن ئېشىپ كەتمەيدىغان بولدى.

  زىددىيەت-ماجىرالارنى پەسەيتىش جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىدۇر. زىددىيەتنى ئادىل، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، تالاش-تارتىشنى توختىتىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىدۇر.

  جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيەسىدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەت-ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ ھەل قىلىش مەركىزىگە كىرگىنىمىزدە، ھالقىسىمان ئىش بېجىرىش زالىدىكى ئون ئېچىۋېتىلگەن ئەرزىيەت كۆزنىكى كۆزگە چېلىقىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىك فۇنكسىيەلىك تارماقلار بۇ يەردە دائىملىق تۇرۇپ، ئاممىنىڭ تەلىپى ۋە زىددىيەت-مەسىلىلىرىنى شۇ جايدا ھەل قىلىدۇ. مۇرەسسەچىلەردىن باشقا، مەركەز يەنە ئاممىنىڭ ئىشىنىش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان «ئىككى ۋەكىل، بىر ئەزا»، يېزىلاردىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلار، كارخانىچىلار قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئاممىنىڭ زىددىيەت، ماجىرالىرىنى پەسەيتىشكە قاتناشتۇردى.

  «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» بارلىققا كەلگەن جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، جېجياڭ «كىچىك ئىشلارنى كەنتتىن چىقارماسلىق، چوڭ ئىشلارنى بازاردىن چىقارماسلىق، زىددىيەتنى يۇقىرىغا ئىتتىرمەسلىك» ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زىددىيەتنى مەنبەدىن پەسەيتتى. نۆۋەتتە، ئەنجى ناھىيەلىك ئىجتىمائىي زىددىيەت-ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ ھەل قىلىش مەركىزىگە ئوخشاش زىددىيەت-ماجىرالارنى كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش سۇپىلىرى كۆپ جايلاردا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلدى.

  «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى ئىپادىلەش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، تۈرلۈك مۇرەسسە تەشكىلاتلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئاشكارا ئەرزىيەت ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، قانۇنغا، دەۋاغا چېتىلىدىغان ئەرزىيەت قانۇن بويىچە ئاخىرلاشتى. مۇرەسسە، كېسىم، مەمۇرىي كېسىم، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش، دەۋا قاتارلىقلار ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلغان ماجىرانى كۆپ تەرەپتىن ھەل قىلىش مېخانىزمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى.

  ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

  رىغبەتلەندۈرۈش، جازالاش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ سەمىمىيەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى

  جۇڭگو ئىجرا ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش تورىنى ئاچقاندا، لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت يېڭىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. 11-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە ئېلان قىلىنغان لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى 6 مىليون 200 مىڭدىن ئاشتى. لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرى توردا ئاشكارىلىنىپلا قالماي، يەنە ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالالماسلىق، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرالماسلىق، قەرز ئالالماسلىق قاتارلىق جازالارغا دۇچ كەلدى.

  2016-يىلى 3-ئايدا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت مەھكىمىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ھۆكۈم-كېسىمىنى ئىجرا قىلماسلىقتەك لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشىغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈچ يىل ئىچىدە ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلدى. ئۈچ يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى 20 مىليون 435 مىڭ ئىجرا دېلوسىنى قوبۇل قىلىپ، 19 مىليون 361 مىڭ دېلونى ئىجرا قىلىپ ئاخىرلاشتۇردى، ئىجرادا نەقلەشكەن سومما 4 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %98.5، %105.1، %71.2 ئاشتى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 60 ئورۇن بىلەن بىرلىكتە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالاش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 11 تۈردىكى 150 تۈرلۈك جازالاش تەدبىرىنى قوللىنىپ، لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنىڭ «بىر يەردە لەۋزىدە تۇرمىسا، ھەممىلا يەردە چەكلىمىگە ئۇچرىشى» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 3 مىليون 660 مىڭ كىشى بېسىم تۈپەيلىدىن مەجبۇرىيىتىنى ئۆزلۈكىدىن ئادا قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي سەمىمىيەت قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەمۇرىيەت سەمىمىيىتى، سودا سەمىمىيىتى، ئىجتىمائىي سەمىمىيىتى ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش ئىناۋىتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىناۋەت قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناۋەت ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رىغبەتلەندۈرۈش-جازالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ سەمىمىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  بۇنىڭغا قارىتا جايلار ئىناۋەت قانۇنى چىقىرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پائال ئىزدەندى. 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، «نەنجىڭ شەھىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋەت نىزامى» رەسمىي يولغا قويۇلدى، «نىزام»غا ئاساسەن، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، دوختۇرخانىدا جېدەل چىقىرىپ دوختۇرنى يارىلاندۇرۇش، بېلەتتىن قېچىپ زومىگەرلىك بىلەن ئورۇن ئىگىلەش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش، ئىلىمدە دۇرۇس بولماسلىق، ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش، قەھرىمانلار-قۇربانلارغا تۆھمەت قىلىش قاتارلىق 20 خىل ئېغىر لەۋزىدە تۇرماسلىق، ناچار ئەخلاق قىلمىشلىرى لەۋزىدە تۇرماسلىق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ ھەم قانۇن بويىچە جازالىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «نىزام»دا يەنە سەمىمىيەت ھەرىكىتى مۇكاپاتلاندى ۋە رىغبەتلەندۈرۈلدى. مەسىلەن، لەۋزىدە تۇرغان سۇبيېكتلارنى بىرلىكتە رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى، جۈملىدىن بازار سۇبيېكتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا خىراجەت جەھەتتىن قوللاش، يېتىلدۈرۈش بەلگىلەندى. لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالاش بىلەن مۇكاپاتلاش بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي سەمىمىيەت سەۋىيەسى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلدى. (مەنبەنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ