مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى 10 ئايدا تېلېگراف كەسىپ مىقدارى %18.7 ئاشتى

2020.11.24 18:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋەرلىشىش كەسپى ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، دۆلىتىمىز تېلېگراف كەسپىنىڭ كىرىمى مۇقىم قەدەمدە ئېشىپ، 1 تىرىليون 132 مىليارد 300 مىليون يۈەن كىرىم قىلىشنى تاماملاپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ۋاقىتتىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولغان. ئالدىنقى يىلدىكى ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، تېلېگراف كەسپىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 1 تىرىليون 227 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.7 ئاشقان.

  كەسىپكە ئايرىپ قارىغاندا، مۇقىم خەۋەرلىشىش كەسپى كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر تېز بولغان، كۆچمە خەۋەرلىشىش كەسپى كىرىمىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى داۋاملىق تارايغان. 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، ئۈچ ئاساسىي تېلېگراف كارخانىسى ئىشقا ئاشۇرغان مۇقىم خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ كىرىمى 387 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئىككى پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولغان؛ ئىشقا ئاشۇرغان كۆچمە خەۋەرلىشىش كەسپى كىرىمى 745 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.5 تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش دەرىجىسى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ۋاقىتتىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئىنت تارايغان. رەقەم ۋە ئالاقە تورى كەسپىنىڭ كىرىمى تەكشى، مۇقىم ئېشىپ، تېلېگراف كەسپىگە تىرەك بولىدىغان كىرىم مۇقىم قەدەمدە ئاشقان، 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، ئۈچ ئاساسىي تېلېگراف كارخانىلىرى تاماملىغان ئالاقىدار كەسپىي كىرىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 192 مىليارد 300 مىليون يۈەن ۋە 518 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ۋە %2.5 ئاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالاقە تورى سانلىق مەلۇمات مەركىزى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر كىرىمىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، تېلېگراف كەسپى كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولغان. 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، ئۈچ ئاساسىي تېلېگراف كارخانىسى تاماملىغان مۇقىم قوشۇلما كەسپىي كىرىمى 143 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22 ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ