خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
11-ئاينىڭ 23-كۈنى، دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى · ئالاقە تورى تەرەققىيات مۇنبىرى جېجياڭنىڭ ۋۇجېندا ئېچىلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنبەرگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. رەئىس شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو دۇنيا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، ئۇچۇر ئىنقىلابىنىڭ تارىخىي پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ، رەقەملىك ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، تور بىخەتەرلىكىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىشنى خالايدۇ.
رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار مۇنداق بىلدۈردى: تەبرىك خېتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدىيە يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ئاستىدىكى رەقەملىك تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، ئالاقە تورىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى، جەمئىيەت ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، خەلقئارا يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشتا جارى قىلدۇرغان مۇھىم رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى ئورتاق يارىتىش سەمىمىي ئارزۇسىنى نامايان قىلدى.
خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش
رەئىس شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە، ئالاقە تورى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، دەپ كۆرسەتتى.
«تەبرىك خېتى ئالاقە تورىنىڭ خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشتا جارى قىلدۇرغان مۇھىم رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بىزنى ئىنتايىن روھلاندۇردى، تولىمۇ ئىلھاملاندۇردى.» جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىكرو ئورگانىزم تەتقىقات يۇرتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن باشلىقى لى جۈنشيۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1-ئايدا تەتقىقات يۇرتى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس دۆلەت پەن-تېخنىكا بايلىقى مۇلازىمەت سىستېمىسى»دىن ئىبارەت ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسىنى ئېچىشقا قاتنىشىپ، خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولدى، بىز سۇپا قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالماشتۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
«جۇڭگونىڭ رەقەملىك تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئېرىشكەن زور نەتىجىسى جۇڭگونىڭ رەقەملىك ئىقتىساد قۇرۇلۇشىدا دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.» ئەلى بابا گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: ئەلى بابا ھەم جۇڭگونىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىغا قاتناشقۇچى ۋە قۇرغۇچى، شۇنداقلا مەنپەئەتكە ئېرىشكۈچى. بىز دۆلەتنىڭ قانۇن ۋە سىياسەتلىرىگە ئەمەل قىلىپ، تېخىمۇ ساغلام سۇپا ئىقتىسادى قۇرۇپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى ۋە رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ بېغىشلايمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى