مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى يىغىن ئۆتكۈزدى

يىغىندا، شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ۋە مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش مەسىلىسى مەخسۇس تېما قىلىندى، لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

2020.11.24 17:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى 23-نويابىر بېيجىڭدا يىغىن ئاچتى. يىغىندا، يىغىن ئەھلىلىرى شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ۋە مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى مەخسۇس تۈردە ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا ئۇيۇشتۇرلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىشى پارتىيەمىزنىڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق ئىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىغىننىڭ ئەڭ زور نەتىجىسى شۇ بولدىكى، بۇنىڭدا شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خەلق قۇرۇلتىيى − دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى ۋە قانۇننى تەدبىقلاشنى نازارەت قىلىش ئورگىنى بولۇپ، ئۇ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش داۋامىدا مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ۋە مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، چوقۇم يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى نېمە ئۈچۈن يولغا قويۇش ۋە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قانداق يوسۇندا يولغا قويۇشتىن ئىبارەت بۇ زور دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بېرىشنى چۆرىدىگەن ھالدا، ھەمدە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ نەزەرىيەسى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە چۈشىنىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت دەۋر تەلىپىگە لايىقلاشتۇرۇلۇپ بارلىققا كەلگەن ۋە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى زور بىر نەتىجە ھېسابلىنىدۇ، ھەمدە ئۇ ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسىدۇر، ھەم شۇنداقلا ئۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر. بۇ مۇھىم ئىدىيەگە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزدىنىشلىرى جەريانىدا شەكىللەنگەن تەجرىبە جۇغلانمىسى ۋە ئەقىل-پاراسەتلىرىنىڭ جەۋھەرلىرى مۇجەسسەملەنگەن. ئۇنىڭدا، پارتىيەمىزنىڭ كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى قاتارلىق قانۇنىيەتلەرگە بولغان تونۇشى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ، 21-ئەسىردىكى ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنىڭ يېڭى مەنزىلىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيەت ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئۇنى ئاڭلىق رەۋىشتە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت قىبلىنامىسى قىلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ