جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلۇق داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشى شىنجاڭ قەشقەردە باشلاندى

2020.11.19 18:29 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 11-ئاينىڭ 18-كۈنى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلۇق داۋالاش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىش باشلاش مۇراسىمى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسى ئوغۇساق بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).

  شۇ كۈنى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلۇق داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشى تۈرى قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرىدا باشلاندى. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلۇق داۋالاش مەركىزىدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانا رايونى، ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا رايونى، ئۆپكە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرمۇش رايونى قاتارلىق تۆت چوڭ فۇنكسىيەلىك رايون تەسىس قىلىنىش پىلانلانغان بولۇپ، جەمئىي 1300 كارىۋات بار. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ تەكشى تارقىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشقا پايدىلىق. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ