مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان 100دىن ئارتۇق دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەگە تۆمۈريول تۇتاشتۇرۇلدى

2020.11.19 18:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-نويابىر گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تۆمۈريول تارماقلىرى قۇرۇلۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، تىرانسپورت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە نۇقتىلىق يۆلەشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرگەن، مەركەزلەشكەن تۇتاش كەتكەن 14 ئالاھىدە نامرات رايون قاتارلىق كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ تۆمۈريول ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 3 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغان، بۇ، تۆمۈريول ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %78 ىنى ئىگىلىگەن؛ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن يېڭى لىنىيە 36 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن يېڭى لىنىيەنىڭ 83 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بۇ تۆمۈر يوللار 274 دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەنى قاپلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە 100 دىن ئارتۇق دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەدە تۆمۈريول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلگەن. نۆۋەتتە، تۆمۈريول تورى ۋە مەملىكەت بويىچە تۆمۈريوللاردىكى 154 لىنىيەسىز بېكەتلەر تەخمىنەن 600 دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەنى قاپلىغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 832 نامرات ناھىيەنىڭ %73 ىنى ئىگىلىگەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، تىرانسپورت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىلغان. نامرات رايونلارنىڭ ساياھەت بايلىقى تولۇق قېزىلىپ، 2019-يىلى ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس پويىزىدىن 594ى تەشكىللەپ ئېچىلىپ، 376 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلۇپ، لىنىيە بويىدىكى ساياھەت، سودا، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولغان.

  ھازىرغا قەدەر، دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى نامراتلارنى نۇقتىلىق يۆلەيدىغان تۆت ناھىيە، رايون ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان تۆمۈريول ئارقىلىق نۇقتىلىق نامراتلىقنى يۆلەيدىغان 51 نامرات كەنت نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان. دۆلەت تۆمۈر يول گۇرۇھىدىن كەلگەن تۆمۈريول ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى بەش كادىر ۋە تىپىك ۋەكىل «تۆمۈريول ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش»تىن تەڭ بەھرىمان بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ