مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلىتىمىز 138 دۆلەت، 31 خەلقئارا تەشكىلات بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتىدىن 201نى ئىمزالىدى

2020.11.18 18:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مېڭ ۋېي 11-ئاينىڭ 17-كۈنى مۇنداق تونۇشتۇردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسى ئالدىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك ئېلاستىكىلىقىنى نامايان قىلدى. ھازىرغىچە، دۆلىتىمىز 138 دۆلەت، 31 خەلقئارا تەشكىلات بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتىدىن 201نى ئىمزالىدى.

  بۇ يىلدىن بۇيان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىدا تارقىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار كۆپىيىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى.

  مېڭ ۋېي دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى شۇ كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغ ئاساسىي ھالىتىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 963 مىليارد 342 مىليون دوللارغا يەتتى، گەرچە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1 تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي سەۋىيەسىدىن 0.8 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولدى. لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە سالغان پۇل مۇئامىلىسىز بىۋاسىتە مەبلىغى 13 مىليارد 20 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.7 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي ئېشىش سۈرئىتىدىن 32.3 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ