مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى پىكىر تارقاتتى

تېرىلغۇ يەرگە «ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىماسلىق»نىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش لازىم

2020.11.18 18:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «تېرىلغۇ يەرگە ‹ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىماسلىق› نىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېرىلغۇ يەرگە «ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىماسلىق»نىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ھەقىقىي مۇقىملاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ھاياتلىق سىزىقىنى مۇستەھكەم چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: تېرىلغۇ يەرگە «ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىماسلىق»نىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇش كېرەك. دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ھەقىقىي ئىگىلەش كېرەك. تېرىلغۇ يەر بايلىقىدىن ئىلمىي، مۇۋاپىق پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، چەكلىك تېرىلغۇ يەر بايلىقىنى ئالدى بىلەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىش كېرەك. ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلار ئاشلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەپ ئۆستۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش تەڭپۇڭ رايونلار بىلەن ئاساسلىق سېتىش رايونلىرى تېگىشلىك ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش نىسبىتىنى ساقلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ