«شالغۇت شال ئاتىسى» يۈەن لۇڭپىڭ چىلىنىڭ «ماگېللان بوغۇزى مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى

2020.11.17 18:46 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، چىلىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇئىس سىمىت مونتېس يۈەن لۇڭپىڭغا «ماگېللان بوغۇزى مۇكاپاتى» تارقاتماقتا.

  شۇ كۈنى كەچتە، چىلىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇئىس سىمىت مونتېس چىلى ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن چاڭشادا «شالغۇت شال ئاتىسى» يۈەن لۇڭپىڭغا «ماگېللان بوغۇزى مۇكاپاتى» تارقاتتى.

  بۇ يىل ماگېللان بوغۇزى بايقالغانلىقىنىڭ 500 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن چىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. مۇكاپات تارقىتىش نەق مەيدانىدا، لۇئىس سىمىت مونتېس يەنە يۈەن لۇڭپىڭغا «جۇڭگو-چىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇكاپاتى»نى تارقاتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۇ ميەن فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ