مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقىرى سۈپەتلىك ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، سىز ۋە بىزنىڭ بەختلىك كەلگۈسىمىزگە مۇناسىۋەتلىك

____ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭسۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى جايلارنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشكە رىغبەتلەندۈردى

2020.11.17 18:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى دۆلىتىمىزدىكى ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدىغان ئاساسىي تومۇرغا، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئاساسىي قوشۇنغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.» يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭسۇغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى ۋە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىشى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى تارقاتتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى جايلاردىكى كادىرلار، ئاممىنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  ئېكولوگىيەنىڭ «ئالتۇن مىقدارى»، تەرەققىياتنىڭ «يېشىللىق مىقدارى»نى ئاشۇرۇش

  [باش شۇجى مۇنداق دېدى] ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سېلىنمىسى ئەھمىيەتسىز سېلىنما ئەمەس، ئۈنۈمسىز سېلىنما ئەمەس، بەلكى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك سېلىنما.

  [ئاممىنىڭ تەسىراتى] باش قىش مەزگىلىدە، تەيخۇ كۆلىنىڭ جەنۇبى ساھىلىدىكى جېجياڭ خۇجوۋنىڭ ۋۇشىڭ رايونى جىلى بازىرى يىگاۋ كەنتىدە ماڭسا، رەتلىك تاش تاختىلىق كەنت يوللىرى، پاكىز دەريا سۈيى كىشىگە تىنچ ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. 2014-يىلىدىن باشلاپ، يىگاۋ كەنتى «سۇنى تۈزەش»تىن قول سېلىپ، ئەسلىدە بار بولغان 18.9 كىلومېتىر دەريا يولىنى تۈزىدى، رېمونت قىلدى، تۇتاشتۇردى. 2016-يىلى 11-ئايدا، ئاساسلىقى خۇجوۋغا جايلاشقان تەيخۇلۇ پورتى دۇنيا سۇغۇرۇش قۇرۇلۇشى مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. يىگاۋ كەنتى خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان بۇ ئىشنى كەنت ئېغىزىدىكى ئابىدىگە ئويۇپ قويدى.

  [ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرى] ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت ئۈنۈمىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

  «تەرەققىياتنىڭ تۇنجى قەدىمى مۇھىتنى ياخشى تۈزەشتۇر»، دېدى يىگاۋ كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جۇڭ لياڭ، __ سۇ، تەيخۇ كۆلى بەلبېغىدىكى سۇ ماكانى كەنتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتىسى، لېكىن بۇ ھەم ئىلگىرى مۇھىتنى تۈزەشتىكى باش ئاغرىقى ئىدى. مۇھىتنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، يىگاۋ كەنتى مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ تىجارىتى تېز ئېشىپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ»دىن «ئالتۇن تاغ، كۈمۈش تاغ»قا قاراپ ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  «يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، خۇجوۋ باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگىرىشى، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ يېتىلىشى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېشىشىنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيەنىڭ ‹ئالتۇن مىقدارى› ۋە تەرەققىياتنىڭ ‹يېشىللىق مىقدارى›ىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك»، دېدى خۇجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شياۋخۇي.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ