مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھەق تەلەپ دەۋاسى دەلىل-ئىسپاتى توغرىسىدا ئەدلىيەلىك ئىزاھات ئېلان قىلدى

2020.11.17 18:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھەق تەلەپ دەۋاسى دەلىل-ئىسپاتى توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلىپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ ۋە قولايلاشتۇرۇپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھەق تەلەپ دېلوسىنى ئادىل، ۋاقتىدا قاراپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ئەدلىيەلىك ئىزاھات 33 ماددا بولۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەلىل-ئىسپاتقا مۇناسىۋەتلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، دەۋالاشقۇچىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان، يېتەكلەيدىغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھەق تەلەپ دەۋا تۈزۈمى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولىدىكەن.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 3-كوللېگىيەسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئەدلىيەلىك ئىزاھات دىققەتنى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ «دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش قىيىن بولۇش»ىغا نۇقتىلىق مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر قاتار «بىرىكمە مۇشت» شەكلىدىكى قانۇن-بەلگىلىمە لايىھەسى ئارقىلىق، ھوقۇق ئىگىسىنىڭ دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش يۈكىنى قانۇن بويىچە يېنىكلىتىدۇ.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق بىلدۈردى: ئەدلىيەلىك ئىزاھات دەۋا سەمىمىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دەۋالاشقۇچىنى قانۇن ۋە ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھەق تەلەپ دەۋاسىدا پائال، ئومۇميۈزلۈك، توغرا، سەمىمىي ھالدا دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلەشكە يېتەكلەپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دەۋا سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ