مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ چىشەن 2020-يىللىق يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىساد مۇنبىرىدە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

2020.11.17 18:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن 16-نويابىر 2020-يىللىق يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىساد مۇنبىرىدە سىن ئارقىلىق ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى .

  ۋاڭ چىشەن مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەت تېخىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ كەتتى. قىيىنچىلىق قانچە ئېغىر بولسا، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇش كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئورتاق مەنپەئەتنى قوغداش، ئورتاق نىشانغا ئىنتىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلىشى كېرەك .

  ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياج يېتەكچىلىك قىلىش، سۈپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، ماس تەرەققىي قىلىش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، سالماقلىق بىلەن ئىلگىرىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېڭى تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. جۇڭگو ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، جۇڭگو بازىرىنى دۇنيا بازىرى، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان بازار، كۆپچىلىكنىڭ بازىرىغا ئايلاندۇرىدۇ. جۇڭگو ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىمپورتنى كېڭەيتىپ، مەبلەغ سېلىش چەكلىمىسىنى ئازايتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان، خەلقئارالاشتۇرۇلغان ۋە قولايلىق سودا قىلىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى پەللىسىنى بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك ۋە رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ ۋە ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ