مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ئۆسۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى تۈزەش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى

خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى مالىيە سېلىنمىسى سىجىل ئاشتى («13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە بىز مۇشۇنداق بېسىپ ئۆتتۇق)

2020.11.17 18:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۈتكۈل تەرەققىيات جەريانىدا خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن كەڭ خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش تەرەققىياتىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدۇرۇش كېرەك.

  «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى مالىيە سېلىنمىسى سىجىل ئاشتى، خەلق تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، سەھىيە قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرى بىر قەدەر ياخشى ھەل قىلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ سىجىل بولدى.

  −− مالىيە سېلىنمىسى كۆپەيتىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى .

  بىر ئورەككە ئىككى دانە تاختا قويۇلىدۇ، ئۈچ چى تاش تام تۆت ئەتراپنى ئوراپ تۇرىدۇ، قىش پەسلى سوغۇق، ياز پەسلى سېسىق پۇرايدۇ −− ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خېفېڭ ناھىيەسى يەنزى بازىرى چياۋيۈن كەنتىدىكى ھەممە ئائىلىلەر بۇ خىل ھاجەتخانىنى ئىشلەتكەن. «ھازىر ياخشى بولدى، سۇ بىلەن چايقىلىدىغان ھاجەتخانىغا ئۆزگەرتىلدى، ھەممىسىگە فار-فور خىش قويۇلۇپ، داس ۋە سۇ ئېچىش جۈمىكى ئورنىتىلدى. كەنت پاكىزلىشىپ، «دېھقانلار شادلىقى»غا كەلگەن مېھمانلار كۆپ بولدى!» دېدى كەنت ئاھالىسى چېن چۈنئې.

  2020-يىلى، مەركەز مالىيەسى 7 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، يېزىلارنىڭ ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى كەنت بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشىگە مەدەت بەردى، مەركەز خامچوتىدىن 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەش، پۈتۈن ناھىيەنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەدەت بەردى، مەركەز مالىيەسى 400 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، تۈزەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان جايلارنى رىغبەتلەندۈردى ۋە قوللىدى. كەنتلەر رەتلىك، يارقىن بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا ياردەم بېرىپ، گۈزەل يۇرت سېغىنىشىنى قالدۇردى.

  «ئىلگىرى ياشلار ئامال قىلىپ سىرتقا چىقىپ خىزمەت قىلاتتى، بۇ بىر نەچچە يىلدا قاتناش شارائىتى ياخشىلاندى، ناھىيەدە 1800دىن ئارتۇق ئېلېكتىرونلۇق سودىگەر توپلاندى، %60 كەسىپكارلارنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ياكى يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلار بولغاچقا، كىچىك ناھىيە بازىرى يەنە قايناپ كەتتى!» ئىلگىرى جياڭشى ئۆلكىسى ئەنيۈەن ناھىيەسىدە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىۋاتقان قاتناش- تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ كادىرى لو خۇڭبو مۇنداق دېدى: ئەنيۈەن ناھىيەسى 2019-يىلى «دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە» دېگەن قالپىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ تاشلاپلا قالماي، يەنە مەملىكەت بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈش بويىچە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى بولۇپ باھالاندى.

  نامرات رايونلارنىڭ تاشيول ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاش ئۈچۈن، 2016-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە مەركەز مالىيەسى جەمئىي 953 مىليارد 875 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە 274 مىليارد 562 مىليون يۈەن «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارغا ئىشلىتىلدى. «بېيىش يولى» ۋە «بەخت يولى» شەھەر ۋە كەنتلەرگە تۇتاشتۇرۇلدى.

  «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مالىيە سىجىل راۋاجلاندى، ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش ۋە داۋالىنىش كاپالىتى تورى داۋاملىق زىچ ۋە پۇختا توقۇلدى؛ ئىجارە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىش بىرلەشتۈرۈلگەن تۇرالغۇ ئۆي تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش، ئاممىۋى ئىجارە ئۆيى كاپالىتى ۋە شەھەرلەردىكى كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ تەنتەربىيە سارايلىرى، چوڭ تىياتىرخانا ۋە كۈتۈپخانىلار كەينى-كەينىدىن بارلىققا كەلدى. خەلق ئاممىسىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلدى. بۇ يىل كەسكىن، مۇرەككەپ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئالدىدا، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى تېخىمۇ ئاكتىپ بارلىققا كېلىپ، ھۆكۈمەت تۇرمۇشتا تېجەشلىك بولۇپ، پۇقرالار ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇش چىقىمى يەنىلا كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ