مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگونىڭ ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى كۈچەيتىش كېرەك (دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى نەتىجىلەر)

___ سادىق، مەسئۇلىيەتچان قانۇن ئىدارە قىلىش خىزمەت قوشۇنى بەرپا قىلىش لازىم

2020.11.17 18:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا بايراق بەردى ھەمدە تەلىم بېرىپ، خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا «پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش»تىن ئىبارەت ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قانۇن ئىدارە قىلىش خىزمىتى قوشۇنىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي ساپاسى، كەسپىي خىزمەت ئىقتىدارى، كەسپىي ئەخلاقى سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، پارتىيەگە، دۆلەتكە، خەلققە، قانۇنغا سادىق سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان خىزمەت قوشۇنى سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىشنى كۈچلۈك تەشكىلات ۋە ئىختىساسلىقلار كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

  قانۇن ئىدارە قىلىش مەخسۇس قوشۇنىنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ مەخسۇس قانۇن ئىدارە قىلىش قوشۇنى ئاساسلىقى خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ھۆكۈمەتتىكى قانۇن چىقىرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار، مەمۇرىي ئورگانلاردا قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار، ئەدلىيە ئورگانلىرىدا ئەدلىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئالدى بىلەن بۇ بىر نەچچە قوشۇننى ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  2014-يىلى 6-ئايدا، مەركەز ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى يىغىنىدا «ئەدىلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى رامكا پىكرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، سودىيە، پىروكۇرورلار ئىشتات تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىگنالى چېلىندى. 2017-يىلى 7-ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ سودىيە ئىشتات تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشى، تەپتىش سىستېمىسى ئىشتات تۈزۈمى ئىسلاھاتى جەھەتتىكى ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى. مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى ۋە تەپتىش مەھكىمىلىرى ئىمتىھان ئېلىپ سىناش، ئەزا تاللاش ئۆتكىلىنى ئىگىلەش، خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن بويىچە ۋەزىپىگە تەيىنلەش قاتارلىق تەرتىپلەرنى قوللىنىپ، 120 مىڭدىن ئارتۇق سودىيە، 90 مىڭدىن ئارتۇق پىروكۇرورنى تاللاپ چىقتى، ئىشتاتلىق سودىيە، پىروكۇرورلار دېلو بېجىرىش سۈپىتىگە ئۆمۈرۋايەت مەسئۇل بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ