مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خۇ چۈنخۇا مۇنداق تەكىتلىدى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۈنۈملۈك جىپىسلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى پىلانلاش كېرەك

2020.11.16 18:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خۇ چۈنخۇا 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە گەنسۇدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۈنۈملۈك جىپىسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۈنۈملۈك جىپىسلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى پىلانلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  گەنسۇ مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى ئەڭ ئېغىر ئۆلكىلەرنىڭ بىرى. خۇ چۈنخۇا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ لۇڭنەن شەھىرى، تيەنشۈي شەھىرى، پىڭلياڭ شەھىرى ۋە چىڭياڭ شەھىرىگە بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان يېزا-كەنت، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، تېرىقچىلىق-باقمىچىلىق بازىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى داۋاملاشما يۆلەش، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  خۇ چۈنخۇا مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا ئۆزگىرىشى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى مۇھىم، زور ۋەزىپە، جايلار جىپىسلاشتۇرۇشنىڭ خىزمەت لايىھەسى ۋە كونكرېت چارىسىنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ، ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ سىلىق، مۇقىم ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، «تۆتنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھازىر بار بولغان ياردەم بېرىش-يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىقىنى ساقلاپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى داۋاملاشما ياردەم بېرىش-يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش تەلىپىگە ئاساسەن، يېزا-كەنتلەرنى پىلانلاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شارائىتىغا قاراپ كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش، كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى ۋە يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى قوللايدىغان سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، يېزا-كەنتلەرنى قۇرۇش ھەرىكىتىنى پۇختا يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ