مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى ئالتە مەركەز كارخانىسىغا كىرىپ ئورۇنلىشىپ، كۆزىتىشنى قانات يايدۇردى

كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئېلان قىلىندى

2020.11.16 18:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 11-ئاينىڭ بېشىدا، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىدىكى ئالتە كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگو باۋلى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو تۇزچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو رەڭلىك كانچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو قۇرۇلۇش پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، ماشىنىسازلىق ئىلمى تەتقىقات باش يۇرتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، يوۋيەن پەن-تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئالتە مەركەز كارخانىسىنىڭ پارتىيە كومىتېتىغا كىرىپ ئورۇنلىشىپ، دائىملىق كۆزىتىشنى قانات يايدۇردى.

  بۇ نۆۋەتلىك كۆزىتىشتە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 6-نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى بويىچە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كۆزىتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ فۇنكسىيەسى، مەسئۇلىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى باسقۇچ خاراكتېرلىك ئاساسلىق زىددىيەتلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، دىققەتنى «تۆتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»تىكى سىياسىي پەرقنى تەكشۈرۈپ تېپىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم ئىجراسى، ھوقۇقنىڭ يۈرگۈزۈلۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، بولۇپمۇ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىلمىي ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى كاپىتال ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانا قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تايانچ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ