مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 2020-يىللىق «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى»دىن ئۆگىنىش، ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى

2020.11.13 19:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىكتە «2020-يىللىق ‹ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى›دىن ئۆگىنىش، ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە 2020-يىللىق «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام ساقچىلىرى»دىن ئۆگىنىش، ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج خ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى، بولۇپمۇ مەملىكەتلىك ج خ خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى بايرىقىنى بېرىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن مۇھىم تەلىمىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، 2020-يىلىدىكى «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى» دىن ئۆگىنىش، ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي بىخەتەرلىكنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش 1-سېپىدە مەيدانغا كەلگەن بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرىنى تاللاپ چىقىپ، ج خ قەھرىمان نەمۇنىچىلىرىنىڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ج خ خەلق ساقچىلىرىنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتەك ياخشى روھىي قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردە كۈرەشچانلىق بىلەن ئىلگىرىلەشتەك كۆتۈرەڭگۈ ئاساسىي مېلودىيەنى زور كۈچ بىلەن ياڭرىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ