خېبېي ۋېيشيەن ناھىيەسىدە «زاكاز شەكلىدىكى» كەسپىي مائارىپ ئالقىشقا ئېرىشتى

2020.11.11 17:47 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 11-ئاينىڭ 10-كۈنى،خېبېي ئۆلكىسى ۋېيشيەن ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مائارىپى مەركىزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئاپتوموبىل ئېلېكتىر سايمانلىرى ئەمەلىي مەشىق سېخىدا مەشغۇلات ماھارىتى بويىچە مەشىق قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى شىڭتەي شەھىرى ۋېيشيەن ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مائارىپى مەركىزى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىرىنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، «مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىقى»، «نىشانلىق تەربىيەلەش»، «خىزمەت بىلەن ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈش»تەك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، «زاكاز شەكلىدىكى» كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، مەكتەپ، كارخانا، ئوقۇغۇچىلارنى ئورتاق نەپكە ئېرىشتۈردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۇ شۈدۇڭ فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ