خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2021-يىلىدىن 2035-يىلىغىچە)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.
«يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئېلېكتىرلەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئاقىللاشتۇرۇش تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇغۇرما يېڭىلىق يارىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىز يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتوموبىل كۈچلۈك دۆلىتىنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
«يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2025-يىلىغا بارغاندا، ساپ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەلىك يولۇچى يېڭى ئاپتوموبىلىنىڭ ئوتتۇرىچە توك سەرپىياتى 12 كىلوۋات سائەت/100 كىلومېتىرغا چۈشۈرۈلۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش مىقدارى يېڭى ئاپتوموبىل سېتىلىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %20 ئەتراپىدا بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىلنى چەكلىك رايون ۋە بەلگىلەنگەن كۆرۈنۈشتە تاۋارلاشتۇرۇپ قوللىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 2035-يىلىغا بارغاندا، ساپ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەلىك يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىپ، ئاممىۋى ساھەدە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللار ئومۇميۈزلۈك ئېلېكتىرلەشتۈرۈلۈپ، يېقىلغۇ باتارېيەلىك ئاپتوموبىلنى تاۋارلاشتۇرۇپ قوللىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىلنى كۆلەملىك قوللىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش سەۋىيەسى ۋە ئىجتىمائىي يۈرۈشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
«يىرىك پىلان»دا بەش تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرۇلدى: بىرىنچى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. پۈتۈن ئاپتوموبىل ۋە زاپچاسقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتوموبىل توپلاشتۇرۇلغان تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە باتارېيەسى، يېڭى بىر ئەۋلاد ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلىدىغان گېنېراتور قاتارلىق ئاچقۇچلۇق زاپچاسلارنىڭ كەسىپ ئاساسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېلېكتىرلەشتۈرۈش ۋە تورلاشتۇرۇش، ئاقىللاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.
ئىككىنچى، يېڭىچە كەسىپ ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش لازىم. ئېكولوگىيەنى يېتەكچى قىلىدىغان كارخانىلارنى باشلامچى قىلىپ، ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئېچىپ قوللىنىشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە باتارېيەسى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئايلانما پايدىلىنىدىغان سىستېما بەرپا قىلىپ، سۈپەت بىخەتەرلىكى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ بىللە راۋاجلىنىدىغان، ئىش تەقسىم قىلىپ ھەمكارلىشىدىغان، پايدىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان يېڭى تىپتىكى كەسىپ ئېكولوگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش لازىم. ئۈچىنچى، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بىلەن ئېنېرگىيە، قاتناش، ئۇچۇر خەۋەرلىشىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە ئىستېمال قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، قاتناش سىستېمىسى ۋە شەھەرنىڭ ئاقىللىشىش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەر ماس تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈش لازىم. تۆتىنچى، ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. توك قاچىلاش-ئالماشتۇرۇش، ھىدروگېن قاچىلاش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، تۇتاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ياخشى ئىشلىتىش مۇھىتى بەرپا قىلىش لازىم. بەشىنچى، ئوچۇق ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. ئوچۇق يۈرۈشتۈرۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش ھەمكارلىق قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەتقىق قىلىپ لايىھەلەش، سودىغا مەبلەغ سېلىش، تېخنىكا ئۆلچىمى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا رىقابەتكە پائال قاتنىشىپ، خەلقئارا رىقابەتلىشىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى