مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە دائىر بىرقانچە مۇھىم مەسىلە

2020.11.02 17:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشردىن چىققان 21-سانىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە دائىر بىرقانچە مۇھىم مەسىلە» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، بۇ قېتىمقى يۇقۇم ھەم بىر قېتىملىق كىرىزىس، ھەم بىر قېتىملىق چوڭ سىناق. بىرى ئارقىلىق كۆپنى بىلىپ، تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك تەپەككۇر قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىمات، ئوبوروت، ئىستېمالنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا دۆلەت ئىچى بازىرىغا تايىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى ئايلىنىش قانچە راۋان بولسا، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش ئۆز-ئارا ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا شۇنچە پايدىلىق.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىدە ھالقىلىق پەيتتە مەسىلە چىقسا بولمايدۇ، بۇ چوڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا ھازىرلاشقا تېگىشلىك مۇھىم ئالاھىدىلىك. ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلەرنى تولۇقلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەر ۋە نۇقتىلاردا مۇستەقىل، تىزگىنلىگىلى بولىدىغان، بىخەتەر، ئىشەنچلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شەھەرلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى شەھەر تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي نىشانى قىلىپ، ئادەم يادرو قىلىنغان شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرلەرنى تېخىمۇ ساغلام، تېخىمۇ بىخەتەر، ئولتۇراقلىشىشقا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ