«13-بەش يىل»غا نەزەر ___ تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش

2020.10.29 18:35 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: بالىلار شىنجاڭ خوتەن شەھىرىدىكى كەپتەر كوچىسىدا ئوينىماقتا (5-ئاينىڭ 27- كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، ئېلىمىزنىڭ تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز گۈللىنىپ راۋاجلاندى. 2019-يىلى توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %94.8 كە يەتتى، ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %50 تىن ئېشىپ كەتتى، ئەمگەك يېشىدىكى ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيەلىنىش يىل چېكى 10.7 يىل بولدى. خەلقنىڭ ساغلاملىق ۋە داۋالاش-ساقلىق ساقلاش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 2019-يىلى 77.3 ياشقا يەتتى. «خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى يوق.» كىشىلەر بەش يىللىق يىرىك پىلاننى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يېڭى پىلاندا خەلق تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ يارقىن ئاساسىنى تەسۋىرلەشنى ئۈمىد قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ