مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى داۋاملىق ئۆستى

2020.10.29 18:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى سەھىيە-ساغلاملىق ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىن بۇيان، ئېلىمىز ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كېسەلنى داۋالاشنى مەركەز قىلىشنى ساغلاملىقنى مەركەز قىلىشقا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سەھىيە، ساغلاملىق ئىشلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈردى.

  «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىن بۇيان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كۆزلىمە ئۆمرى 2015-يىلىدىكى 76.3 ياشتىن 2019-يىلىدىكى 77.3 ياشقا ئۆستى، مەملىكەت بويىچە ھامىلىدارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى، بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى، بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2015-يىلىدىكى 100 مىڭدىن 20.1، مىڭدىن 8.1، مىڭدىن 10.7دىن 2019-يىلىدىكى 100 مىڭدىن 17.8، مىڭدىن 5.6، مىڭدىن 7.8كە تۆۋەنلىدى. خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئۈستۈن تۇردى. شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى پەرقى يەنىمۇ كىچىكلىدى، ھامىلىدارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىدە شەھەر-يېزا پەرقى يوق دېيەرلىك. شەخسىي سەھىيە چىقىمىنىڭ سەھىيە ئومۇمىي خىراجىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 2015-يىلىدىكى %29.3 تىن 2019-يىلى %28.4 كە چۈشتى، بۇ، يېڭى ئەسىردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ