مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«13-بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز 141 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، 8000دىن ئارتۇق ئاممىۋى سەھىيە-داۋالاش تۈرىنى قوللىدى

2020.10.29 18:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ شۆجۈن 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تونۇشتۇردى: 2016-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، دۆلەت مەركەز خامچوت سېلىنمىسىدىن 141 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى قۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8000دىن ئارتۇق ئاممىۋى سەھىيە-داۋالاش تۈرىنى قوللاپ، «12-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئومۇمىي سېلىنمىدىن %23 ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقتى.

  «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەۋقۇلئاددە زور تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن، يېڭىدىن پەيدا بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىدىكى مۇھىم نىشان قىلىپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈشنى تەكىتلەپ، خەلق ئاممىسىنى بىخەتەر، قولايلىق ئاممىۋى سەھىيە ۋە ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاساسىي داۋالاش كاپالەتكە ئىگە بولۇش جەھەتتە دۆلىتىمىز سىجىل كۈچ چىقىرىپ، ئېغىر كېسەللەرنى مەخسۇس قۇتقۇزۇش-داۋالاش كېسەللىك تۈرىنى 30 خىلغا كېڭەيتىپ، 1900دىن ئارتۇق نامرات ئاغرىقنى تۈرگە ئايرىپ قۇتقۇزدى، داۋالىدى، 1000غا يېقىن كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن، نامراتلىققا قايتقان ئائىلىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نامراتلىقتىن قۇتقۇزدى.

  يۈ شۆجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: 2015-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، ھەر 10 مىڭ كىشىگە توغرا كېلىدىغان ئۇنىۋېرسال دوختۇر سانى 1.38 كىشىدىن 2.61گە كۆپەيدى، ھەر 1000 كىشىگە توغرا كېلىدىغان داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتىدىكى كارىۋات سانى 5.11دىن 6.3گە كۆپەيدى، كەسپىي (ياردەمچى) ۋىراچ سانى 2.22 كىشىدىن 2.77گە كۆپەيدى، تىزىمغا ئالدۇرغان سېسترا سانى 2.37 كىشىدىن 3.18 كىشىگە كۆپەيدى.

  يۈ شۆجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «13-بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام، H7N9، ئىبولا قاناش قىزىتمىسى قاتارلىق تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يۇقۇملارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇپ، ئاساسلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. بۇ قېتىمقى مىسلىسىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دۆلىتىمىزنىڭ ئاممىۋى سەھىيە-ساغلاملىق قۇرۇلۇشىغا بولغان بىر قېتىملىق چوڭ سىناق بولدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى، داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسى، داۋالاش كاپالىتى سىستېمىسى، دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسى ۋە مۇھىم، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئۈنۈملۈك بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا قىسمەن ئاجىز ھالقىلار مەۋجۇت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ