مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«13-بەش يىل»دىن بۇيان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمى كېڭىيىپ، سۈپەت ئاشۇرۇلدى

2020.10.29 18:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 28-كۈنى گوۋۇيۈەن سىياسەتتىن قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، «13-بەش يىل»دىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىدە مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىقىنى ساقلىغان.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمى داۋاملىق كېڭەيگەن. 2016-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، شەھەر-بازارلاردا يىلىغا 13 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ساقلاپ، ھازىر 60 مىليوندىن ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلار ۋە ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىغان.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتى يەنىمۇ ئۆسكەن. ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىدىن قارىغاندا، ھازىر مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن 170 مىليون ماھارەتلىك ئەمگەكچى بار ئىكەن. مائاش جەھەتتىن قارىغاندا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش كىرىمى مۇۋاپىق ئېشىپ 2016-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىن باشقا ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى يىلدا %9.9 ئاشقان. «13-بەش يىل»دىن بۇيان ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلاش كۆلىمى سىجىل كېڭىيىپ، كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسى تەدرىجىي ئۆسكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ