مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قاتارلىقلارغا بولغان سېلىنمىنىڭ نۇقتىلىق ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى

2020.10.28 18:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 27-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزگەن «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نەتىجىلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ليۇ خۇەنشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «14-بەش يىل»لىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىيات پىلانى تۈزۈلۈۋاتىدۇ، بۇنىڭدا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قاتارلىق جەھەتلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئەسلىھە-جابدۇقلىرىنىڭ تىرىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ليۇ خۇەنشىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىنىڭ تۈرلۈك نىشان-ۋەزىپىلىرى غەلىبىلىك تاماملانغان. ئاشلىقنى تېرىلغۇ يەردە ساقلاش، ئاشلىقنى تېخنىكا ئارقىلىق ساقلاش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، 800 مىليون مو يەردىكى قۇرغاقچىلىق، ھۆلچىلىك بولغاندىمۇ ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلىش، يۇقىرى ھوسۇللۇق، مۇقىم ھوسۇللۇق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى ئورۇندالغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %60 تىن ئاشقان؛ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى بىر قاتلاش نىشانى مۇددەتتىن بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ياخشى باشلىنىش بولغان، يېزا ئىسلاھاتىمۇ داۋاملىق چوڭقۇرلاشقان.

  ليۇ خۇەنشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش باش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئاساس قىلىپ، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپەت ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ليۇ خۇەنشىن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشى جەھەتتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، «14-بەش يىل»لىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىيات پىلانى تۈزۈلۈۋاتىدۇ، بىر تۈركۈم ئۇل خاراكتېرلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك، ئىستراتېگىيەلىك يېزا ئىگىلىك چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى پائال پىلانلاپ يولغا قويۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق، زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق، سوغۇق ساقلاش زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھەلىرى، رەقەملىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا، ھايۋانات، ئۆسۈملۈكتىن يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، زور ئىلمىي ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق تەرەپلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئەسلىھە-جابدۇقلىرىنىڭ تىرىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ