مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە ياشانغانلار نوپۇسى 300 مىليوندىن ئاشىدۇ

يېنىك دەرىجىدىكى قېرىلىشىش باسقۇچىدىن ئوتتۇرا دەرىجىدىكى قېرىلىشىش باسقۇچىغا كىرىدۇ

2020.10.26 18:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چۇڭياڭ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، 23-ئۆكتەبىر خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ 2020-يىلى 4-پەسىللىك قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 220 مىڭغا يېقىن كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە ئەسلىھەسى، 7 مىليون 900 مىڭدىن ئارتۇق كۈتۈنۈش مۇلازىمەت كارىۋىتى بار بولغان بولۇپ، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.6 ۋە %7.7 ئاشقان؛ «14-بەش يىل»لىق پىلان مەزگىلىدە، ئېلىمىزدىكى ياشانغانلار نوپۇسى 300 مىليوندىن ئېشىپ، يېنىك دەرىجىدىكى قېرىلىشىش باسقۇچىدىن ئوتتۇرا دەرىجىدىكى قېرىلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويىدىكەن.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى باڭخۇا «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئېلىمىزنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كەسپىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، ئېلىمىزنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمەت تۈزۈمى رامكىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئۈنۈملۈك تەرەققىي قىلدى، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ كۆپ خىللاشقان تەمىنلەش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بازىرى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى زور دەرىجىدە ئاشتى، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا مەركەز خامچوتىدىن 13 مىليارد 400 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 220 مىڭغا، كارىۋات سانى 7 مىليون 900 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە پۇقراۋى كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ سانى ۋە كارىۋات سانى 50%تىن ئاشتى.

  «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلى − ئېلىمىزدە ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ ئېشىش ئەگرى سىزىقى نىسبەتەن تەكشى بولۇپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدىغان، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەشتىكى قىممەتلىك كۆزنەك مەزگىلىدۇر. ئالاقىدار مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە ياشانغانلار نوپۇسى 300 مىليوندىن ئېشىپ، يېنىك دەرىجىدىكى قېرىلىشىش باسقۇچىدىن ئوتتۇرا دەرىجىدىكى قېرىلىشىش باسقۇچىغا كىرىدىكەن. «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، دۆلەتنىڭ نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرۇشتىكى ئوتتۇرا-ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، 2035-يىللىق «جۇڭگوچە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى پىشىپ يېتىلىش، مۇقىملىشىش، بارلىق ياشانغانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ