شىنجاڭ قەشقەردە كېسەللىك ئالامىتى يوق 137 نەپەر يۇقۇملانغۇچى يېڭىدىن كۆپەيدى

2020.10.26 18:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدە 24-ئۆكتەبىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كېسەللىك ئالامىتى يوق بىر نەپەر يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن كېيىن، شىنجاڭدا بۇ يۇقۇملانغۇچى بىلەن يېقىن ئۇچراشقۇچىلار، يېقىن ئۇچراشقۇچىلار بىلەن ئۇچراشقۇچىلارغا قارىتا تېز سۈرئەتتە يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈلدى، 10-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 14 كىچە، 137 ئادەمنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقتى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىياگنوز قويۇشى ئارقىلىق، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغانلار دەپ دىياگنوز قويۇلدى.

  10-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇ يىڭسۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى 24-ئۆكتەبىر مەلۇم قىلىنغان بىمارنىڭ ئاتا-ئانىسى تۇرۇشلۇق قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى بىر زاۋۇت بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ئادەم ئومۇمىي سانى 4 مىليون 746 مىڭ 500 نەپەر بولۇپ، 2 مىليون 835 مىڭ 300 ئادەمدىن يادرو كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسى ئېلىنغان، 334 مىڭ 800 ئادەمنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ئادەم 245 مىڭ نەپەر بولۇپ، 245 مىڭ ئادەمنىڭ يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈلگەن، 86 مىڭ ئادەمنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققان، يۇقىرىدا ئېيتىلغان كېسەللىك ئالامىتى يوق يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغانلاردىن باشقا ھەممىسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىققان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ