جۇڭگو موڭغۇلىيەنىڭ 30 مىڭ تۇياق «ئىئانە قوي»لىرىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى

2020.10.23 18:08 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، قويلار قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېرليەنخوت پورتىغا كىردى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: موڭغۇلىيە جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللاش ئۈچۈن ئىئانە قىلغان 30 مىڭ تۇياق قوي كەلدى. 22-ئۆكتەبىر سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، موڭغۇلىيەنىڭ زامىنئۇد پورتىدىن يولغا چىققان يۈك ئاپتوموبىللىرى تۇنجى تۈركۈمدە 4000 تۇياق قوينى ئېلىپ، تەرتىپ بويىچە جۇڭگو ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېرليەنخوت پورتىغا كىردى.

  جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە كېڭىشىپ بېكىتكەن پىلانغا ئاساسەن، 30 مىڭ تۇياق قوي تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇرۇن جۇڭگو چېگراسى ئىچىگە يەتكۈزۈلۈپ، ئېرليەنخوتتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىن خۇبېي ئۆلكىسىگە توشۇلۇپ، موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ كۆڭلى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا زور تۆھپە قوشقان خۇبېي خەلقىگە يەتكۈزۈلىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پېڭ يۈەن فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ